UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى

ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى − گېرمانىيىدىكى چوڭ تىپتىكـى پـەن تەتقىقات تەشكىلاتى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھۆكۈمەت تەرىپـىـدىـن يـاردەم بېرىلىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئابرۇيى ئەڭ يۇقـىـرى ۋە ئۈنـۈمـى ئەڭ زور ئاپتونومىيىلىك ئىلىم-پەن تەشكىلاتى. ئۇ1911 - يىلدىكـى ۋىـلـيـام خـان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئاساسـىـدا قـۇرۇلـغـان.1948 - يـىـل9 - ئايـدا، ئىلمىي جەمئىيەت مەشھۇر فىزىك، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىـشـكـۈچـى مـاركـس پلانكنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. باش شتابى ميۇنخېندا. باھالاش ھەيئىتى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ مەركىزىي تەدبىر بـەلـگـىـلـەش ئاپپاراتى بولۇپ، باھالاش ھەيئىـتـىـدە دۆلـەت، پـەن سـاھەسـى ۋە جامائەت پىكرى ساھەسى ۋەكىللىرى باراۋەر ھەمكارلىشىش مۇناسىـۋىـتـىـدە بولىدۇ. ئىلىم ھەيئىتى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئالىي ئىلىم ئاپپاراتى بولـۇپ، ئۇ مۇنداق ئۈچ ئىلىم يۇرتىغا ئايرىلغان: خىمىيە، فىزىكا، تېخنىكـا پەنلىرى يـۇرتـى (16 تەتقىقات يۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بىئولوگىيە، مېدىتسـىـنـا يـۇرتـى (23 تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە گۇمانـىـتـار پـەنلەر يـۇرتـى (11 تەتقىقات ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئىلىم يۇرتى ئۆز قارىمىقىدىكى تـەتـقـىـقـات ئورۇنلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا، باھالاش ھەيئىـتـىـنـىـڭ ئىلىم - پەن سىياسەتلىرىگە تەكلىپ بېرىشكە، مەسىلەن، تەتقـىـقات ئورنـى، ئىشخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە ئىلىم يۇرتىغا يېڭى ئەزا تەيىنلەش تەكلىپى بېرىشكە مەسئۇل. ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتىنىـڭ %80 تـىـن كۆپرەك خىراجىتىنى ھۆكۈمەت تەمىنلىسىمۇ، كەسپىي جەھەتتىكى مەسلىھەتچىلىكنـى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يـەنـە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكى زاتلاردىن تەشكىللەنگەن مەمۇرىي تـەپـتـىـش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بار بولۇپ، پەن تەتقىقات سىياسەتلىرىنى بـىـرلـىـكـتـە بەلگىلەيدۇ. ئىلمىي جەمئىيەتتە ھازىر10 مىڭغا يېقـىـن تـەتـقـىـقـاتـچـى بـار، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئالىملار، يەنە1000 چە چـەت ئەلـلـىـك ئالـىـم بار. ئىلمىي جـەمئىـيـەت ئىـزچـىـل دۆلـەت تەۋەلىكىنى نەزەرگە ئالمىغان ئەھۋال ئاستـىـدا مـۇۋاپـىـق پـەن تـەتـقـىـقـات ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاۋاتىدۇ، بۇمۇ ئۇنـىـڭ دۇنـيـاۋى شـۆھرەتـكـە ئىـگـە بولۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
ماركس پلانك ئىلمىي جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki