بېل تەجرىبىخانىسى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
ئامېرىكىدا200 مىليونغا يېقىن تېلېفون بـار بـولـۇپ، كـۈنـىـگـە800 مىليون قېتىم تېلـېـفـونلىشىش بـولـىـدۇ، تـېـلـېـفـون مـۇلازىـمـىـتـى ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ130 مىليارد دوللاردىن ئاشىـدۇ، بۇنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى بېل شىركىتى (يەنى ئامېـرىـكـا تـېـلـېـفـون - تـېـلـېـگـراف شىركىتى) مونوپول قىلغان. بېل تەجرىبىخانىـسـى − مـۇشـۇنـداق چـوڭ مونوپول شىركىتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر ۋە ئەمـەلـىـي پـەنـلـەر تـەتـقـىـقـاتـى ئاپپاراتى.1925 - يىلى، بېل شىركىتى ئۆزىنىڭ بالا شىركىتى بولغان غەرب ئېلېكتـر شىركىتى بىلەن ھەرقايسىسى يېرىمدىن مەبلەغ چىقىرىپ،38 مىليـون دوللار سەرپ قىلىپ، ئەسلىدىكى كىچىك تىپتىكى تەتقـىـقـات ئاپـپـاراتـىنى زامانىۋىلاشتۇرغان. بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تەتـقـىـقـات ۋە ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى غەرب ئېلېكتر شىركىتى تەيـيـار مـەھسـۇلات قىلىپ ئىشلىگەن، ئاندىن ئامېرىكا تېلېفون - تېلېگـراف شـىـركـىـتـى پـۈتـۈن ئامېرىكىغا تارقالغان خەۋەرلىشىش تورىغا قۇراشتۇرغان.
بېل تەجرىبىخانىسىدا10 مىڭغا يېقىن ئالىم، ئىنژېنېر بـار، بـۇلارنـىـڭ ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بارلار3000 دىن ئاشىدۇ. تەجرىبىخانىـنىڭ100 دىن ئارتۇق تەتقىقات ئىشخانىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىـكـى12 شتاتنىڭ20 شەھىرىگە تارقالغان، باش شتابى يېڭى جېرسېي شتاتـىـنـىـڭ موررېي تېغىدا.
بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ يىللىق خىراجىتى1 مىليارد دوللارغـا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ تەخمىنەن100 مىليـون دولـلـىـرى ئاساسىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتـا ئىلىـم - پەندە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ، بۇ پەن تەتقىقات نەتـىـجـىـلـىـرى بېل شىركىتىنىڭ تېخنىكا يېڭىلىـشـىـنـى كـۈچـلـۈك ئىـلـگـىـرى سـۈرۈپلا قالماستىن، پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تـەسـىـر كـۆرسەتكەن، بـولـۇپـمـۇ ئېلېكترونىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. بېل تەجرىبىخانىسـى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېـرىـدۇ، بـۇ يـەردىـمـۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن بىر نەچچىسى چىققان. بۇ تەجرىبىـخـانـا ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى200 نەچچە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچـىلار ۋە ئاسپىرانتلاردىن خىزمەتكە ئادەم ئېلىـش ئۈچـۈن400 ئادەم ئەۋەتـىـدۇ، يەنە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پروفېسسورلارنى لېكسىيە سۆزلەشـكـە يـاكـى مـەلـۇم مەزگىللىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللـىـنـىـشـقـا تەكلـىـپ قـىـلـىـدۇ. بـېـل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپلـەردە داۋامـلـىـق بـىـلـىـم ئاشـۇرۇشـقـا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئالىي مەكتەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقـە بـاغلاش ئۇسۇلى بېل تەجرىبىخانىسىدىن ئۈزلۈكسىز نەتـىـجـە، ئىـخـتـىـسـاسـلـىـقلار چىقىشىدىكى بىر سىر.