UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى

ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى بۇ جەمئىيەت ئەسلىدە1731 - يىلى ئەنگـلىـيىـنىـڭ ئېـدىـنـبـۇرگ شەھىرىدە مېدىتسىنا بىلىمى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قـۇرۇلـغـان.1739 - يىلى، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىپ، پەلسـەپـە ۋە ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ۋە ئېدىنبۇرگ پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيـىـتـى دەپ ئاتالدى. خىزمەتلىرى ئارىلىقتا بىرنەچچە يىل توخـتـاپ قـالـدى.1783 - يىلى ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى رەسمىي قـۇرۇلدى. ئىلمىي جەمئىيەت پەلسەپە ئەزالىرىدىن باشقا، تەبىئىـي پـەن ئەزالىـرىنىمۇ كۆپەيتتى.1909 - يىلى ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمـىـي جـەمئىـيـىـتـى لېكسىيە سۆزلەش زالى، كۈتۈۋېلىـش ئۆيـى ۋە160 مـىـڭ پارچە كىتاب ساقلىغىلى بولىدىغان كۇتۇپخانىسى بار يېڭى ئورۇنغا كۆچتى. ئىلمىي جەمئىيەت يەنە بىر قاتار مۇكاپات ۋە مـېـداللارنـى تـارقىتىدۇ: نېل مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات ئالدىنقى ئىككـى يىلدا مۇزېيشۇناسلىق جەھەتتە ئىلمىي جەمئىيەتكە ياخشى ئىـلـمـىـي مـاقـالـە سۇنغان شوتلاندىيە تەۋەلىكىدىكى مۇزېيشۇناسقا بېرىلىدۇ. كىس مۇكاپـاتـى ۋە ماكدوگال - برىسبان مۇكاپاتىمۇ ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپـات ئالدىنقى ئىككى ليىلدا فىزىكا ۋە بىئولوگىيە جەھەتتە »پـەن« ژۇرنىلى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تۆھپە قوشقۇچىلارغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تـارقـىـتـىـلـىـدۇ. گۇننىنگ ۋىكتورىيىنىڭ60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇكاپاتى تۆت يـىـلـدا بـىـر قېتىم تارقىتىلىتىدۇ، بۇ مۇكاپات فىزىكا، خىمىيە ياكى نەزەرىيە ماتېماتىكىسـى، ئەمەلىي ماتېماتىكا جەھەتتە ئىجادىي قارىشى بار ئالىملارغـا تـارقـىتـىـلىـدۇ. جامېس سىكوت مۇكاپاتى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تارقىتـىـلـىـدۇ، بـۇ مـۇكـاپـات تەبىئىي پەن ئاساسىي نەزەرىيىلىرى جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر لېكـسىـيـە يـاكـى ئىلمىي ماقالىگە بېرىلىدۇ. برۇئېس مۇكاپاتى جەنۇبىي، شـىـمـالـىـي قـۇتـۇپ ئېكسپېدىتسىيىسىگە بارغان ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش بـىـلـەن شـۇغـۇللانـغـان دوكتور برۇئېسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى يىلدا بىـر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپات ئۆزى قۇتۇپ رايونىغا تەكشۈرۈشكـە بـارغـان ۋە تەبىئىي پەن جەھەتتە روشەن نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەرقانـداق دۆلـەت تەۋەلىكىدىكىلەرگە بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
ئېدىنبۇرگ خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki