ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
بۇ يەنە لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىـتـى دەپـمـۇ ئاتـىـلـىـدۇ، ئۇنىڭ تولۇق نامى «لوندون خان جەمەتى تەبىئەت بىلىملىرىنـى ئىـلـگـىـرى سۈرۈش ئىلمىي جەمئىيىتى» بولۇپ،1660 - يىلى قۇرۇلغان ۋە1662 - يىلى خان جەمەتىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ دۇنـيـادىـكـى تـارىـخـى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئوتتۇرىدا ئۈزۈلۈپ قالمىغان پەن ئىلمىي جەمئىيىتـى بـولـۇپ، ئۇنىڭغا ئەزا بولۇش ئىنتايىن يۇقـىـرى شـەرەپ. ئۇلـۇغ ئالـىـم نـيـۇتـون بـۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىنى20 نەچچە يىل ئۈستىگە ئالغان.1915 - يىلىدىـن بۇيان، خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىنى نوبېل مۇكاپاتـىـغـا ئېرىشكۈچىلەر ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى.
خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپـىـسى: دۆلـەتـنـىـڭ پـەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، پەن تەتقىقات خىراجىتى ۋە مەنسەپكـە تـەيـىـنـلـەش - مەنسەپتىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ھۆكۈمەتنى مـەسـلـىـھـەتـچـىـلـىـك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە ئىلمىي تـەكـشـۈرۈشـكـە مـاددىـي يـاردەم بېرىدۇ، چەت ئەللەردىكى ئالىي دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىـلـەن ئالاقە قىلىشنى تەشكىللەيدۇ، پەن يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىلىم - پـەن ژۇرناللىرىنى نەشر قىلىدۇ، نـام بـېـرىـدۇ، پـۇل چـىـقىـرىـپ لـېـكـسـىـيـە ئۇيۇشتۇرىدۇ ۋە مۇكاپات پۇلى، مېدال قاتارلىقلارنى تارقىتىدۇ.
خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇسـتـەقـىـل ئامـمـىـۋى تـەشـكـىلات بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق تارمىقى ئالدىدا مەسئۇلىيەتـنـى ئۈسـتـىـگـە ئالمايدۇ، شۇڭا نىزامنامىسىنى بېكىـتـىـش، رەھبەرلـەرنـى تـەيـىـنـلـەشـتـە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزا نامزاتىنى، ئاز دېـگـەنـگە، ھازىـر ئەزا بولۇۋاتقان ئالتە نەپەر ئەزا كۆرسىتىشى ۋە تەۋسىـيـە قـىـلـىـشـى كـېـرەك. ئىلمىي جەمئىيەت ھەر يىلى3 - ئايـدا سـايلام ئۆتـكـۈزىـدۇ، نـىـزامـنـامـىـگە ئاساسەن، ھەر يىلى كۆرسىتىلگەن «چەت ئەللىك ئەزا» سانـى تۆت ئادەمـدىـن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ رەھبـەرلـىـك ئاپـپـاراتـى كـېـڭـەش يىغىنى بولۇپ، ئۇ21 نەپەر كېڭەش ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ھەر يىـلـى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى10 نەپىرى قايتا سايلىنىدۇ، خىزمەتچى خادىملارنـى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېڭەش ئەزالىـرىـنـىـڭ ئۇدا ئىككى يـىـلـدىـن ئارتـۇق ۋەزىـپـە ئۆتىشىگە بولمايدۇ، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ باشلىـقـى ۋە تـاشـقـى ئىـشلار كاتىپىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى، ئاساسەن، «لـونـدون خـان جـەمـەتـى ئىلمىي جەمئىيىتى پەلسەپە ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىـمـى» بـىـلـەن «لـونـدون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن ئىلمىي ماقالىلـىـرى تـوپـلـىـمـى» نـى نەشر قىلىدۇ.