فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
بۇ يەنە فرانسىيە ئىنستىتۇتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپـمـۇ ئاتـىـلـىـدۇ، پارىژنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى سېنا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىـرغـىـقـىـغـا جايلاشقان، لورد سارىيى بىلەن ئىككى قىرغاقتا بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. فرانسىيە ئىنستىتۇتـنـىـڭ بەش كەسپىي ئىنىستىتۇتى ئىچىدە، پەنلەر ئاكادېمىيىـسـىـدىـكـى ئۆزگـىـرىـش ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.1987
- يىلدىكى يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پەنلەر ئاكادېمىيـىـسـىـدە80 ياشتىن تۆۋەن ئاكادېمىكتىن110 نەپىرى بولسا بولـىـدۇ، ئاز دېـگـەنـدە30 نەپەر ئاكادېمىكنىڭ يېشى60 تىن تۆۋەن بولۇشى تـەلـەپ قـىـلـىـنـىـدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چەت ئەللىك ھەمكارلاشقۇچى ئاكادېمـىـك120 نـەپـەر،70 ياشتىن تۆۋەن مۇخبىر ئاكادېمىك180 نەپەر بولىدۇ. ئاكادېمىيە بويـىـچـە ئىككى ئىلىم يۇرتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ماتېماتىكا - فىزىكا ئىلمى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتى، خىمىيە - تەبىئەت - جانلىقلار - مېدىتسىـنـا ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىلىم يۇرتىدىن ئىبارەت. بـۇ ئاكـادېـمـىـيـە پـەخـرىـي خاراكتېرلىك ۋە مەسلىھەت بېرىش خاراكتېرلىك نوپۇزلـۇق ئىـلـمـىـي ئاپپارات بولۇپ، قارىمىقىدا مۇقىم تەتقىقات ئاپپاراتى يوق، ئەزالىرى، بولۇپمـۇ ئۆزىدىكى ھەر خىل مەخسۇس ھەيئەتلـەر ئارقـىـلـىـق پـەن - تـېـخـنـىـكـا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىـسـىـدىـكى ئەمـەلـىـي پەنلەر ھەيئىتى ۋە تەتقىقات دوكلاتى ھەيئىتىنىڭ خىزمىتى ئادەمنـى بـەكـمـۇ جەلپ قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى ياۋروپا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، فرانسـىـيـە پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىـك مـۇھىـتـنـى قـوغـداش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قىممەتـلـىـك تـەكـشـۈرۈش دوكلاتـى يـاكـى نوپۇزلۇق پايدىلىنىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەمۇرىـي بـاشـقـۇرۇش تـارمـىـقـى ۋە كۇتۇپخانىسىدىكى مەخسۇس خـادىـملار20 نـەپـەر ئۆپچۆرىسىدە. ئاكادېمىيە خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمى مۇكاپات تارقىتىـشـقـا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر يىلى11 - ئايدا ئاكادېمىيـە بويـىـچـە يـىـلـلـىـق يـىـغـىـن چاقىرىلىپ،100 گە يېقىن پەن - تېخنىكا خادىمىغا مۇكاپات تارقـىـتىلـىـدۇ ياكى ماددىي ياردەم بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسـى2 مـىـلـيـون400 مىڭ فرانكقا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن، پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئاشكارا ھەپتىلىك يىغىـن ئۇيۇشـتـۇرۇلـۇپ، ئاكـادېـمـىـكلار، مۇخبىر ئاكادېمىكلار ياكى باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، جۈمـلـىـدىـن پارىژغا چۈشكەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالـىـملار ئىـلـمـىـي نـۇتـۇق سۆزلەشكە ياكى چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا ۋەقەلىرىـنـى تـونۇشـتـۇرۇشـقـا تەشكىللىنىدۇ. ھەر قېتىملىق پائالىيەتتىن كېيىن، «پەنلەر ئاكـادېـمـىـيـىـسـى دوكلاتى »نەشر قىلىنىدۇ. پەنلەر بويىچە ئۈچ قىسىم قىلىنىـپ، يـىـلـىـغـا40 ساندىن چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «پەنلەر ئاكادېمـىـيـىـسـى خـەۋىـرى» ئايلىق ژۇرنىلى ۋە «پەن تۇرمـۇشـى» قـوش ئايـلـىـق ژۇرنىـلـى بـار بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرى، پەن- تېخنـىـكـا سـىـيـاسـىـتـىـگـە دائىـر تەتقىقات ماقالىلىرى ھەم پەن - تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكـە دائىر باشقا دوكلاتلار ئېلان قىلىنىدۇ.