ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمـۇ ئاتـىـلـىـدۇ،1954 - يىلى9 - ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيـىـنـىـڭ جـەنـۋە شەھىرىدە. ئۇنـى ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىـيـە، ئىـتـالـىـيـە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئەنـگـلـىـيـە قـاتـارلـىـق يـاۋروپـادىـكـى12 دۆلـەت قـۇرغـان. ئۇنـىـڭ تـۈپ مـەقـسـىـتـى يـاۋروپــا دۆلەتلىرىدىكى ساپ پەننىي ۋە ئاساس خاراكتېـرىدىـكـى سۇب يادرو تەتقىقاتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنى ھەمكارلـىـق بـىـلـەن تەمىنلەش، مۇناسـىـۋەتـلـىـك تـەجـرىـبـە ۋە نـەزەرىـيـە تـەتـقـىـقـاتـى نەتىجىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتـى يـاكى ھەربـىـي ئىـشلارغـا ئىشلىتىش مەقسىـتـى روشـەن بـولـغـان تـەجـرىـبـە تـەتـقـىـقـاتـى بـىـلـەن شۇغۇللانماسلىق ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر پرىنسىپىدۇر.
بۇ تەتقىقات مەركىزىدە دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار گۇرۇپپـىـسـىـنـىـڭ سۇب يادرو قۇرۇلمىسى ۋە نەزەرىيىسىنى تـەتـقـىـق قـىـلـىـشـى ئۈچۈن ئىككى خەلقئارا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان. بىرىنچى تەتـقـىـقـات ئورنـىـدا600 مىليون ئېلېكترون ۋولتلۇق ماس قەدەمـلـىـك سـىـكـلـوتـرون،28 مىليارد ئېلېكترون ۋولتلۇق پروتـون مـاس قـەدەملـىـك تېزلەتكۈچ قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىككىنچى تەتقىقات ئورنى بىرىنچى تەتقىـقـات ئورنىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئايلانمىسى تەخـمـىـنـەن7 كـىـلـومېـتـىـر كېلىدىغان يېڭى پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەتقىقات مەركىزىدىكى خىـزمـەتـچـى خـادىـملار3000 دىـن ئاشـىـدۇ، ئالىملار گۇرۇپپىسى سۇب يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىـن باشقا، ئەزا دۆلەتلەر ياكى باشقا دۆلەتلەردىن زىيارەتكە كەلگەن ئالـىـملار كۈتۈۋېلىنىدۇ ۋە مۇشۇ چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىـلـىـنـىـشـقـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدە نۇرغۇنلىغان ئىلغـار ھەم قـىـمـمـەت باھالىق ئېسىل تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا، يەنە كۇتۇپـخـانـا بـار ھەم «ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى تەشكىلاتى خەۋەرچىسى» (ئايلىـق ژۇرنـال) ۋە پەن دوكلاتى قاتارلىقلارنى نەشر قىلىدۇ. مەركـەزنـىـڭ ئۈسـكـۈنـىـلـىـرى تولۇق، مۇلازىمىتى ئەلا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار تىرىشقانـلـىـقـى ئۈچۈن، ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى مەركىزى زەررىچە فىزىكىـسـى تـەتـقـىـقـاتـى ساھەسىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغـان بـەزى مـۇۋەپپـەقىـيەتـلەرگـە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق يادرو تەتقىقات مەركىـزىـگـە ئايلاندى.