رىم كۇلۇبى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
1968 - يىلى قۇرۇلغان ئەل ئىچى خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپ، ئۇنىـڭـغـا46 دۆلەت،100 گە يېقىن ئالىم قاتناشقان.1972 - يىلى «ئېشىش لىمىـتـى» دوكلاتىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا نامى چىققان.
رىم كۇلۇبى ئاساسەن دۇنيانىـڭ ھازىـرقـى ئەھۋالـى ۋە كـەلـگـۈسـى، مەسىلەن، باياشادلىقتىكى نامراتلىق، مۇھىـتـنـىـڭ ئۆزگـىـرىـشـى، تـۈرلـۈك تۈزۈملەرگە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى، شەھەرلەرنىڭ قالايمىقان كېڭـىـيـىـشـى، كەسىپنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقـى، يـاشلارنـىـڭ يـاتـلـىـشـىـشـى، پـۇل پاخاللىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. رىم كۇلـۇبـى بـۇ ھادىـسـىـلـەرنـىـڭ مۇنداق ئۈچ خىـل ئالاھىـدىـلىـكـى بـار دەپ قـارايـدۇ: ① بـۇلار تـۈرلـۈك جەمئىيەتلەردە مەۋجۇت بولىدۇ ھەم جاھىللىق بىلەن ئىپادىلـىـنـىـدۇ؛ ② بۇلار تېخنىكا، جەمئىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي قاتارلـىـق جـەھەتـلـەردىـكـى ئامىللارنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ؛ ھەرقايسى ئامىـللار ئۆزئارا تـەسـىـر كۆرسىتىدۇ.1970 - يىلى رىم كۇلۇبى شۋېتسارىيىنىـڭ بېرن شەھىرىدە يـىـغىن چاقىرىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى بىلىشنىڭ بىرقانـچـە خـىـل مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1972 - يىلى ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات دوكلاتى «ئېشـىـش لىمىتى» نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ دوكلاتتا70 - يىللاردىن بۇيـان ئىـنـسـانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىندى، بولۇپمۇ، نوپۇس، ئاشلىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سانائەتلـىـشـىـشـى، بـۇلـغـىـنـىـش ۋە قايتا پەيدا بولمايدىغان بايلىق ئىسراپچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنـىـڭ ئۈزلۈكـسـىـز كۆرسەتكۈچكە ئايلىنىپ ئېشىش ماھىيىتى مۇھاكىمە قىلىـنـدى. ئارقـىـدىـنلا دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر كۈنـدىـن - كـۈنـگـە ئاشـكـارىلانـدى، بۇنىڭ بىلەن دوكلات دۇنيادا، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە كۈچلـۈك ئىـنـكـاس قوزغاپ،34 خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىندى، تارقىـتـىـلـىـش مـىـقـتـارى6 مىليون پارچىدىن ئېشىپ كەتتى.