UyghurWiki›ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى›بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكـىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكـىلاتـى مـائارىـپ - پـەن - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
بىرلەشكەن دۆلـەتـلـەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىدىن بىرى.1946 - يىل11 - ئاينـىـڭ6 - كۈنى قۇرۇلغان، باش شتابى پارىژدا.
بۇ تـەشـكـىلاتـنـىـڭ تـۈپ مـەقـسـىـتـى دۇنـيـاۋى خـاراكـتـېـرلـىـك مۇتەخەسسىسلەر تورى ئارقىلىق، تەجرىبە، بىلىم ۋە ئىدىيە ئالـمـاشتۇرۇش؛ ئەزا دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى، پىلان تۈزۈش مەسىلىـسـى توغرىسىدا ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە خـىـزمـەت ئىـشـلـەش ۋە بـۇ پىلانلارنى ئورۇنداشقا مۇتەخەسسىس ئەۋەتىش؛ ئىرققا دائىر مەسىلىـلـەرنـى مۇھاكىمە قىلىش، بولۇپمۇ مائارىپ جەھەتتىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە قـارشـى تۇرۇش ۋە ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنـى قـوغـداش؛ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى مۇھاكىمە قـىـلـىـش؛ ئالاقىسى بار مەكتەپلەرنى ياشلار پىلانى تۈرىگە قاتنىشىشقا قوبۇل قىـلـىـش، ئۇلارنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆسـتـۈرۈش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئەزالىق سالاھىيىتى بىرلـەشـكـەن دۆلـەتـلـەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ھازىر ئۇنىڭغا140 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون قاتناشتى.
يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پـەن - مـائارىـپ - مـەدەنـىـيـەت تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، يـىـلـدا بـىـر قـېـتـىـم چاقىرىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتتا كاتىبات باشقارمىسى كۈندىلىك خىزمـەتـلـەرگـە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن100 نەچچە قېتىم يىغىن ۋە نەچچە10 قېتىم مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بـەزى دۆلـەتـلەردىـكـى ئالـىـم، سەنئەتكار، يازغۇچـى ۋە پـېـداگوگلار تـەشـكـىلاتـى بـىـلـەن قـەرەلـلـىـك ھەمكارلىشىپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى تەشكىللـەيـدۇ، ئوقـۇش مـۇكـاپـات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەخسۇس ئەسەر نەشر قىلىدۇ، ئەزا دۆلەتلـەرنـىـڭ پىلان تۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاسىيا، لاتىن ئامـېـرىـكـىـسـى، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى تەكـشـۈرىـدۇ. «خەلقئارا مائارىپ مەسىلىلىرى خەۋەرلىرى» (پەسىللىـك ژۇرنـال)، «خەلقئارا ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلى» (پەسىللىـك ژۇرنـال)، «بىرلـەشـكـەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيـەت تـەشـكـىلاتـى چـوڭ ئىـشلار خاتىرىسى» (ئايلىق ژۇرنال)، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشـكـىلاتـى مـائارىـپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى خەۋىرى گېزىتى» (ئايلىق سان) قاتارلـىـقلارنـى نەشر قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقە باغلايدۇ.