ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
848 - يىلى قۇرۇلغان ئامېرىكا پـەنـنـى ئىـلـگىـرى سـۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى «پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىـشـىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.» ئۇنىڭ ئاساسىي خـىـزمـىـتـى ئالـىـملارنـىـڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىملار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاسانلاشتۇرۇش، پەن ئەركىنلىكى ۋە پەن مەسئۇلىيىتىنى تەشەبـبـۇس قىلىش، ئىلىم - پەننىڭ ئىنسانلار پاراۋانلىقـىـنـى ئاشـۇرۇشـتـىـكـى رولـىـنـى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ پەننىڭ ئىنسانلار تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىـقـى توغرىسىدىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە باشقىلار.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىـڭ تـەخـمـىـنـەن140 مىڭ ئەزاسى بار. ئەزالار ئارىسىدا ئالىم، ئىنژېنېر، پەن، مائارىـپ خىزمەتچىلىرى، پەن سىياسىتـىـنـى تـۈزگـۈچـىـلـەر ھەم پـەن ۋە تېخنىكىغا قىزىقىدىغان باشقا ساھەدىكى ئالىم ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار بار.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىـنىـڭ رەھبـەرلـىـك ئورگىنى كېڭەش يىغىنى ۋە يىغىن ئىشلىرى كومىتېتى بولۇپ، ئۇنىـڭ بـاش شتابى ۋاشىنگتوندا، ئاساسەن، جەمئىيەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتـلـىـرىـنـى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل.
ئامېرىكا پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيـىـتـى پـەنـلـەر تـولـۇق بولغان ئۇنىۋېرسال جەمئىيەت. قارمىقىدا21 كەسپىي شۆبە جەمئىيەت بـولـۇپ، ھەرقايسىسى بىر پەنگە مەسئۇل جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ، چېتـىـلـىـدىـغـان پـەن دائىـرىـسـى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. ئۇ «پـەن» ۋە «پەن89 » ناملىق ئىككى خىل قەرەللىك ژۇرنال نەشـر قـىـلـىـدۇ. »پەن« ژۇرنىلى دۇنيادا كەڭ دائىرىدە تارقىتىلىدۇ، ھەپتىدە بىر سـان چىقىدۇ. «پەن89 » غا ئاممىباب پەن ئوقۇشلۇقلىرى بېسىلـىـپ، پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ «ئاممىنىڭ پەن - تېخنىـكـىـغـا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنـى ئورۇنـدىـشـىـغـا يـاردەم بېرىدۇ، بىر يىلدا10 سان چىقىدۇ.