UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىئەنگلىيە پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى

ئەنگلىيە پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى شوتلاندىيىلىك ئالىم داۋىد بروسسىت قاتارلىق كىشىلەر1831 - يىـلـى يوركتا قۇرغان ئەنگلىيە پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بـولـۇپ، پـەن ئاسـاسـىـي قائىدىلىرى، باسقۇچى ھەمدە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولـغـان ئاقـىـۋەتـنـى ئىچىگە ئالغان پەننى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشكە تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. جەمئىيەت نىشانغـا يـېـتـىـشـتـە يىغىن، قۇرۇلتاي ۋە لېكسىيـە تـەشـكـىـلـلـەش، بـاشـقـا پـەن - تـېـخـنـىـكـا جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلـىـشـىـش، پـەن تـەتـقـىـقـات ۋە پـەن ماتېرىياللىرىنى نەشر قىلىش خىزمىتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئەنگلىيە پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىـنىـڭ ئەڭ مـۇھىـم، ئەڭ مەشھۇر بىر تۈرلۈك پائالىيىتى شۇكـى، ھەر يـىـلـى ئەنـگـلـىـيـىـدىـكـى مەركىزىي شەھەر - بازارلاردا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يىللىق يىغىن چاقـىـرىـدۇ. بـۇ، ئەنگلىيە دۆلەت ئىچىدە چاقىرىلىدىغان ئوخشاش تۈردىكى يـىـغـىـنلار ئىـچـىـدە كۆلىمى ئەڭ زور يىغىن، شۇنداقلا قەرەللىك چاقىـرىـلـىـدىـغـان، ئالـىـملار بىلەن ئاددىي كىشىلەر باراۋەر ئورۇندا قاتنىشىدىغان پەن يىغـىـنـى. يىللىق يىغىنغا يېزا ئىگىلىك ئىلمى، ئانتروپولوگىيە (ئىنسانـشـۇنـاسـلـىـق)، بـىئو خـىـمـىـيـە، بوتانىكا، خىمىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، پېداگوگـىـكـا، قـۇرۇلۇش ئىـلـمـى، ئورمانشۇناسلىق، جۇغراپىيە، گېئولوگىيە، فىزىكا ۋە ماتېماتىكا، فىزىئولوگىيـە، پسىخولوگىيە، سوتسىئولوگىيە (جەمئىيەتشۇناسلىق)، زوئولوگىيە قاتـارلـىـق17 خىل ئاسـاسـىي پـەن خادىملىرى قاتنىشىدۇ. جەمئىيەت يەنە ھەمىشە پۈتـۈن مـەمـلـىـكـەت يـاكـى يەرلىك قىزىقىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرنى مەخسۇس تېما بويىچە تەتقىق قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ خېـلـى بىر قىسىم پائالىيىتىدە، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش ۋە يىـغـىـن چـاقـىـرىـش ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدا پەن بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. پەننىڭ ئىجتىمائىي رولىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشـىـپ، جـەمئىـيـەت مۇھىم نۇقتىنى پەن بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتـى ۋە ئۇنىـڭ نەتىجىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا يۆتكىدى.1968 - يىلى جەمئىيەت ئىچىدە ئەنگلىيە ياشلار پەننى ئىلگـىـرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ،11 ياشتىن18 ياشقىچە بولغان نـەچـچـە10 مىڭ ئادەم ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىپ، كۆپ خىل پائالىيەتلەر تەشكىلـلـەنـدى. جەمئىيەت يەنە «ئىلىم - پەن كۆرگەزمىسى» نى تەشكىللەپ، بىرقاتار پـەنـنـى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ياش ئالىملارنىڭ يېـتـىـلـىـشـىـگـە تۈرتكە بولىدۇ. ئەنگلىيە پەننى ئىلگـىرى سـۈرۈش جـەمئىيىـتىـمـۇ خـەلـقئارا ھەمكارلىق - ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر يىلقى يىللىـق يـىـغـىـنـغـا چەت ئەللىك نۇرغۇن ئالىملار قاتنىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى