كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
ئەنگلىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىچىدە كـامـبــرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىنى ئەڭ مەشـھـۇر دېـيـىـشـكە بولىدۇ، بۇ تەجرىبىخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نـوبـېـل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدىن26 نەپەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، شۇڭـا دۇنـيـادا «نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۆشۈكى» دېگەن نامى بار.
بۇ تەجرىبىـخـانـىـنـى1871 - يـىـلـى ئەيـنـى چـاغـدىـكـى كـامـبــرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى كاۋېندىش پۇل ئىئانە قىلىپ قۇرغاچقـا، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ تـۇنـجـى رەھبـىـرى مـەشـھۇر فـىـزىـك ماكسۋېل، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلـىـرى رېـلـيـې، تـومـپــسـون، رېـزېـرفـورد قاتارلىقلار بولۇپ، بولار پەن تارىخىدىكى مەشھۇر شـەخـسـلـەردۇر. مـۇشـۇ مەشھۇر شەخسلەر يادرولۇقىدىكى كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەنئەنىۋى ئىلىم - پەن، مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىـپ، يـېـڭـى ئىـلـىـم تـەتـقىـقـاتـى ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، يېقىنقى زامان فىزىكىسـى تـارىـخـىـدىـكـى مـەشـھـۇر تەجرىبە ئىلمى ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.
كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئالدى بىلەن ئاسپىـرانـت يـېـتـىـشـتـۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىـنـىـڭ رولـىـنـى تـولـۇق جـارى قىلدۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ياش ئوقۇغۇچـىلار دەسـلىـپـىـدىلا پـەن تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپى بـىـلـەن ئۇچـرىـشـالـىـغان. نـۇرغـۇنـلـىـغـان ئىجتىھاتلىق ۋە ئىستېداتلىق ياشلار مۇشۇ مەشىق داۋامىدا تېزدىن يېتىـلـىـپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.