شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
شۋېتسىيىدە خان جەمـەتـى پـەنـلەر ئاكـادېـمـىـيىـسـى1739 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ شۋېتسىيىنىڭ ئالىي ئىلىم ئاپپاراتى ۋە ئەڭ چوڭ پـەن مەركىزى. شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېـمـىـيـىـسـى ھۆكـۈمـەتـكـە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل پەن ئاپپاراتى بولۇپ، دۇنيادا ئەنگلىيـە خـان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە سابىق سوۋېـت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ.
شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى12 شۆبە ئاكادېمىيـىـدىـن تـەركىب تاپقان، ئۇلار ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، مىنېرالوگىيە، گېئولوگىيە، جۇغراپىيە، بوتانىكا، زوئولوگىيە، مېدىتسىنا، قۇرۇلـۇش تېخنىكىسى، گېئوفىزىكا، ئىقتىسادشۇناسلىـق، سـتـاتـىـسـتـىـكـا، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقـات خـىـزمـىـتـى بـىـلەن شۇغۇللىنىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى408 نـەپـەر ئاكـادېـمـىـك ئىـچـىـدە شۋېتسىيىلىك228 نەپەر، چەت ئەللىك180 نەپەر. ھازىر شــۋېـتـسـىـيـە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارىمىـقـىـدا ئالتە پـەن تـەتـقـىـقات ئاپـپـاراتـى بـار، ئۇلار ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنى، ئابۇسىك تەبىئىي پەنـلـەر تـەتـقـىـقـات ئورنـى، كۇررۇسكى - نىبورل دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنى، مىتاگـگـو لـېـۋېـرالـلـۇ فوندى جەمئىيىتى (ئالىي ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شـۇغـۇلـلـىـنـىـدىـغان خەلقئارا تەتقىقات ئورنى)، ئالەم فىزىكىسى تەتقىـقـات ئورنـى (ئىـسـپـانـىـيـە، شۋېتسىيە، دانىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلىكتە تەتقىقات ئىشلەيدۇ)، ئېنېـرگـىـيـە ۋە ئىنسانلار ئېكولوگىيىسى تەتقىقاتى بىلـەن شـۇغـۇلـلـىـنـىـدىـغـان بـېئار تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار.
شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىـكـا، مـۇھىـت ئىلمى قاتارلىقلاردا خەلقئارا سەۋىيىگە ئىگە ئالتە خىل قەرەللىك ژۇرنال چىقىرىـدۇ، يەنە فىزىكا، خىمىيە، ئىقـتـىـسـاد سـاھەسىـدە نوبېل مـۇكاپـاتـىغـا ئېرىشىدىغانلارنى تاللاش ۋەزىپىسىمۇ بار.