UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىسابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى 1725 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالـىـي ئىـلـىـم ئاپپاراتى ۋە ئىلىم ئورگىنى، بولۇپ، ئۇنىڭدا مەملىكەت بويىـچـە ئەڭ مـەشـھـۇر ئالىملار بار ئىدى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتنىڭ بـىـۋاسـىـتـە رەھبەرلىكىدە بولۇپ، مەملىـكەتـنـىـڭ ئىـلـىـم - پـەن پـائالـىـيـەتـلـىـرىـنـى ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت پىلان كومىـتـېـتـى تـۈزگـەن خـەلـق ئىـگـىـلـىـكـى تەرەققىيات پىلانىنىڭ تەلىپى بويىچە دۆلەتنىڭ پەن تـەتـقـىـقـات ئومـۇمـىـي يۆنىلىشىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىـللـە، ھەرقـايـسـى ئىتتىپاقداش جەمھۇرىيەتلەردىكى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئالىي مەكـتـەپـلـەر ۋە دۆلەتنىڭ باشقا تەتقىقات ئورۇنلىـرىـنـىـڭ چـوڭ - چـوڭ تـەبـىئىـي پـەن ۋە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئاپـپـاراتـى ئومۇمىي يىغىـن بولـۇپ، ئومـۇمـىـي يـىـغـىـن ئاكـادېـمـىـك ۋە مـۇخـبـىـر ئاكادېمىكلاردىن تەركىب تاپقان، پەنلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىـلـىـشـى ۋە چـوڭ - چوڭ تەشكىلىي مەسىلىلەرنى تەكشـۈرەتتى، ھەيئەت رىـيـاسـىتى، رەئىـس، مۇئاۋىن رەئىس، يېڭى ئاكادېمىك ۋە مۇخبىر ئاكادېمىـك قـاتـارلـىـقلارنـى سايلايتتى. ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلـىـدە، پـەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىـگـە ھەيئەت رىـيـاسـىتى رەھبەرلىك قـىـلاتتى. ئۇ ھەرقـايـسـى شۆبىلەرنىڭ تەتقىقات خىزمىتى پىلانىنى تەستىقلايتتى، ئىلمىـي تـەتـقـىـقات ئاپپاراتلىرىنى كۆپەيتىش، كېمەيتىشنى قارار قىلاتتى، چوڭ - چوڭ مەسىلىلـەر ئىلمىي كومىتېتىنى تەسىس قىلاتتى، خىراجەت تـەقـسـىـم قـىـلاتتى ۋە ئىشلىتىلىشنى نازارەت قىلاتتى، خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پەن - تېخنـىـكـا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇراتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش ۋەزىپىسى چوڭ - چـوڭ ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتلىرىنى تەشكىللەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقـىـتـتـا، ئىلىم - پەننى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلـەش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتـىـش، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى ئاساسىي پەن تـۈرلىرىگە مـەركـەزلـەشـتـۈرۈش ئارقىلىق، تەكرارلانغان ۋە ئۈنۈمسـىـز تېمىلارنى تـۈگىـتىـشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، ئاكادېمىك ۋە مۇخبىر ئاكادېمىكلارنىڭ سايلىنىشى ۋە خىزمەت نەتىجىسىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قوياتتى. ئاكادېمىك ۋە مۇخبىـر ئاكادېمـىـكلار ھەر يىلى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئىلىم يۇرتى ياكى ھەر خىل تەشكىلاتلارغا ئۆزىنـىـڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات قىلىپ تۇرۇشى شەرت ئىدى. بـۇ خـىـزمـەتـلەرنى ھەيئەت رىـيـاسىتى ۋە ئاكادېمىيە يىغىنى تەقسىم قىلاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىلىم يۇرتـلـىـرى باشقۇرغـان نـۇرغـۇن مـۇھىـم گـېـزىـت - ژۇرنـاللار، مـەسـىـلـەن، «پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، «پەنلەر ئاكادېمىيـىـسـى خەۋەرلىرى»، «پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىـي ژۇرنىلى» قـاتـارلـىـقلار100 خىلدىن ئاشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسى يەنە چەت ئەلـلـىـك ئاكادېمىكلارنى تەكلىپ قىلاتتى.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki