UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىراند شىركىتى

راند شىركىتى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى بۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئاقىللار ئاپـپـاراتى ھەم خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان كەلگۈسى مەسىلىلەر، دۇنـيـاۋى مـەسـىـلـىـلـەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ ئىلغار پەن تەتقـىـقـات تـەشـكىلاتى. باش شتابى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى سانتامونىكادا. شىركـەتـتـە ھەرقايسى پەن مۇتەخەسسىسلىرى بار بولـۇپ، ئامـېـرىـكـىـدىـكـى نـۇرغـۇن مەشھۇر ئالىملار ۋەئەللامىلەر يىغىلغان. راند شىركىتى1948 - يىلى11 - ئايدا قۇرۇلغان، راند «تەتقىقات ۋە تەرەققىيات» دېگەن مەنىدە.1945 - يـىـلـى ھاۋا ئارمـىـيـىـسـى بىلەن دوگلاس ئايروپىلان شىركىتى «تەتـقـىـقـات ۋە تـەرەقـقـىـيات» دەپ ئاتالغان لاند پىلانى توختامىنى ئىمزالىغان، كېيىن كىشىلـەر تەبىئىي پەنلەرنى سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار مـەسـىـلـىـســى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى بايقاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل بىرلىشىش جەزمەن تەبىئىي پەن ئالىملىرى قاتناشقان ئاساستا بـولـۇشـى، باشقا پەنلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىللە خىزمەت قىلىـشـقـا قـوبـۇل قىلىنىشى كېرەك. لاند شىركىتـى مـۇشـۇنـداق نـىـشـان ئاسـتــدا دېـڭـىـز ئارمىيىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلغان. ئەڭ دەسلىپىدە راند شىركىتىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات دائىرىسى تۈرلـۈك ياراغ سىستېمىسىنى ياخشىلاش، ئېگىـلـىـك بـاشـقـۇرۇشـنـى ياخشـىلاش، ئىستراتېگىيە ئۇقۇمىنى قايتىدىن بەلگىلـەش قـاتارلـىـقلار ئىـدى. كـېـيـىـن، تەتقىقات دائىرىسى كېڭىيىپ، ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلـىـكى، ئىجتـىـمائىـي پاراۋانلىق، ئۆلچەمشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، تېخنىكا ئىلـمـى، مـۇھىـت ئىلمى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمى، ماتېماتىكا، فىزىكا، بايـلىـق تـەھلـىـلـى ۋە ئىجتىمائىي پەن قـاتـارلـىـق پەنلـەرنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـدى. رانـد شىركىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەسەر، دوكلات توپلـىـمـى ۋە ئىـلـمـىـي ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغـۇنـلـىـغـان مۆلچەرلىنىدىغان تېخنىكا ئۇسۇللىرىنى بېيىتتى. راند شىركىتىنىـڭ يـۇقـىـرى سۈپەتلىك خىزمىتى ۋە ئۆزگىچە ئۈنۈملۈك مـۇلازىـمـىـتـى بـىـلـىـم بـىـلـەن سىياسەت ئوتتۇرىسىغا كۆۋرۈك سېلىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئىنتايـىـن يـۇقـىـرى ئابرۇي قازاندى.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى