UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنى

ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات ئورنى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ مېنلوپارك شەھىرىـدە قـۇرۇلـغـان سـتـانـفـورد خـەلـقئارا مەسلىھەتچلىك تەتقىقاتى ئورنى پەن تەتقىقـات ۋە مـەسـىـلـىـھـەتـچـىـلـىـك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپارات. ئۇ1946 - يىلى كالىـفـورنـىـيـە شتاتىدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېـتـى ۋە كـارخـانـا سـاھەسـىـدىـكـى بـەزى زاتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان.1956 - يىلى تەتقىقات ئورنى ستانفـورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مۇستەقىل بولۇپ ئايرىلىپ چىققان. تەتقىقات ئورنىنـىـڭ21 رايوندا بۆلۈم، ئىشخانا ۋە تەجرىبىخانىسى بولـۇپ، دۆلـەت ئىـچـى ۋە سىرتىغا تارقىلىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق خەلقئارا تەتقىـقـات ئاپـپـاراتـىـغـا ئايلانغان. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمىتى ۋە پائالىيىتى پەن تەتقـىـقـات بـىـلـەن مەسلىھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر، تۆت چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلىـدۇ، ھەربىر چوڭ گۇرۇپپا قارىمىقىدا بىرنەچچە شۆبە بـۆلـۈم بـار. بـىـرىـنـچـى چـوڭ گۇرۇپپا فىزىكا، ھاياتلىق ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي پەن گۇرۇپپـىـسـى بـولۇپ، قارىمىقىدا فىزىكا، سەھىيە ۋە جەمئىيەت سىستېمىسى، ھاياتلىق ئىـلـمـىـدىـن ئىبارەت ئۈچ شۆبە بۆلۈم بار؛ ئىككىنـچـى گـۇرۇپـپـا قـۇرۇلـۇش تـەتـقـىـقـات گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا كومپيۇتېر، تەتقىقات ۋە تەھلىل، سـىـسـتـېـمـا تېخنىكىسى، ئومۇملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلـدۇرۇشـتـىـن ئىـبـارەت تۆت شـۆبـە گۇرۇپپا بار؛ ئۈچىنچى چوڭ گۇرۇپپا باشقۇرۇش ۋە ئىقتىـسـادشـۇنـاسـلـىـق گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا سانائەت مەسلىھەتچـىـلـىكـى، بـاشـقـۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، خىمىيە ۋە ئېنېرگىيە، سىستېما مەسلىھەتـچـىـلـىـكـىـدىـن ئىبارەت تۆت شۆبە بۆلۈم بار؛ تۆتىنچى چوڭ گۇرۇپپا دۇنياۋى سودا مـۇھىـتى گۇرۇپپىسى بولۇپ، قارىمىقىدا دۇنيا سودا شۆبە بۆلۈمى بار. ستانفورد خەلقئارا مەسلىھەتچىلىك تـەتـقـىـقـات ئورنـىـدا ئەڭ ئىـلـغـار تەتقىقات شارائىتى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقات ئىختىساسـلـىـقـلـىـرى، زامانىۋىلاشقان تەتقىقات ئىشخانىسى، تەجرىبىخانا، تۈرلۈك ئۈسكۈنە ۋە مـول ماتېرىياللار بار. تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات دائىـرىـسـى ئىـنـتـايـىـن كـەڭ بولۇپ، ئاساسەن ئېلېكترون قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، يـەنـە ئېنېرگىيە، بايلىق، ماتېرىيال، خەۋەرلىشىش، بىئو تېخـنـىـكـا، سـىـسـتېـمـا قۇرۇلۇشى، سانائەت تېخنىكىسى، ئىقتىسادىي پىلان، خىمىـيـە ۋە نـېـفـىـت - خىمىيە سانائىتى، فىزىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات خىزمىتى بىـلـەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىك پائالىيىتى ئاساسەن بـاشـقـۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنە ھەر خىل ئابۇنىچىلارنى مـەزكـۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ستراتېگىيىلىك يۆنىلىـش، ئىـگـىـلـىـك بـاشـقـۇرۇش تاكتىكىسى، باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە يېڭى تېخنىكا، يېـڭـى بـازارغـا دائىـر ئاخباراتلىرى بىلەن تەمىنلەيـدۇ، خـېـرىـدارلارغـا ۋەكـالـىـتـەن ئاخـبـارات، ھۆججەتلەرنـى تـەيـيـارلاش قـاتـارلـىـق ئاخـبـارات مـۇلازىـمـىـتـى بـىـلـەن شۇغۇللىنىدۇ، ھەر يىلى نەچچە مىڭ تۈرلۈك توختام تاپشۇرۇۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى