UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى نوقۇل پـەخـرىـي ئىـلـمـىـي ئاپپارات. ئۇ1863 - يىلى زۇڭتۇڭ لىنكولىن ئىمزالىغان قـانـۇنـغـا ئاساسـەن قۇرۇلغان، گەرچە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولسىمۇ، ھۆكۈمـەتـنـىـڭ پـەن - تېخنىكا سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پەن - تـېـخـنـىـكـا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭدەك مەملىكەتلىك ۋە دۇنياۋى پـەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىگە تەكلىپ بېرىش، ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىـڭ ئامـېـرىـكـا ئىـلـىـم ساھەسىدىكى شۆھرىتى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىـلـەردىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن60 يېڭى ئاكادېمىك سايلـىـنـىـدۇ، بـۇ يېڭى ئاكادېمىكلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى50 ياشقا يەتمەيـدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى گۈللەنـگـەن پـەن سـاھەلـىـرىـنـىـڭ نـادىـر ۋەكـىـلـلـىـرى ھېسابلىنىدۇ. پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىدىكى1500 دىن ئارتۇق ئاكادېمىكنىڭ %50 تـىـن كـۆپـرەكـى ئايرىم - ئايرىم ھالدا14 ئۇنىۋېرسىتېتتـا دەرس ئۆتـىـدۇ يـاكـى تـەتـقـىـقـات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاكادېمىكلار بەش ئىلىم يۇرتى،23 پەنـگـە تـەۋە. بۇ5 ئىلىم يۇرتى ماتېماتىكا ۋە مـاددا پـېـنـى، جانلىـقلار پـېـنـى، قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىلـىدىـغان پـەن، مـېـدىـتـسـىـنـا، ھەرىـكـەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىن ئىبارەت. ھەربىر ئىلىم يۇرتـىـدا بىر نـەپەر مـۇدىـر، بىر نەپەر كاتىپ بولىدۇ. مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارىغا ئاساسـەن،1964 - يـىـلى12 - ئايدا يەنە مەملىكەتلىك قـۇرۇلـۇش ئاكـادېـمـىـيـىـسـى،1970 - يـىـلـى مەملىكەتلىك مېدىتسىنا ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغان. مەملىكەتلىك تەتقىقات كېڭىشىنىڭ قارىمىقىدا تۆت پەن كومىتېتى بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگـە ۋە پـۈتـۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر ئورتاق تىـرىـشـىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساس خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مەسـىـلـىـلـىـرىـنـى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ تۆت كومىتېت ھەرىكـەت ئىـلـمـى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر كومىتېتى، ئىنژېنېرىيە (قۇرۇلۇش ئىلمى) كومىتېتى، ھاياتلىق ئىلمى كومىتېتى ۋە ماتېماتىـكا، ماددا پېنى كومىتېتىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا يەنە خەلـقئارا مـۇنـاسـىـۋەت كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق كومىتېتى، ئىجتىمائىي، تېخنىكا تۈزۈلمىسى كومىتېتى ۋە ئىنسانلار بايلىقى كومىتېتى قاتارلىق تۆت مەخسۇس كومىتېت بولـۇپ، پـەن ھالقىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تـېـمـىلارنـى بـىـر تـەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
ئامېرىكا مەملىكەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki