نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
بۇ ياپونىيىدىكى مەشھۇر تەتقىقات ئاپپاراتى بولۇپ، نـومـۇرا ئاكـسـىـيـە شىركىتى تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان،1965 - يىل4 - ئاينىڭ1 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقاتـنـى ئاسـاس قـىـلـغـان كاماكۇرا باش شتابى ۋە تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان توكيو بـاش شـتـابـى بولۇپ، ئۇلارنىڭ «قوش باشلـىـق لاچـىـن» دېـگـەن نـامـى بـار. نـيـۇيورك، لوندون، شياڭگاڭ، برازىلىيە قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپاراتلىرى بار.
نومۇرا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئىـنـتـايـىـن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، چوڭلىرى دۆلەتنىڭ ئىستراتـېـگـىـيـە، ئېـنـېـرگىـيـە تەدبىرلىرىگىچە، كىچىكلىرى تاللا بازار، ئىشتىن سىرتقـى ۋاقـىـت، تـاكـسـى ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغىچە بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە توكيو باش شتابـىـنـىـڭ ئاساسىي خىزمىتى ئاكسىيە كەسپىنى تەكـشـۈرۈپ تـەتـقـىـق قـىـلـىـشـنـى چۆرىدەپ، ياپونىيە ۋە دۇنيادىكى ئاساسىي دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، پـۇل مۇئامىلە، سانائەت پائالىيەتلىرى، پاي چېـكـى بـازىـرى، ئاكـسـىـيـە بـازىـرى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى ئوبيېـكـت قـىـلـىـدۇ. كـامـاكـۇرا بـاش شتابىنىڭ قارىمىقىدا ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمى، ئىگـىـلـىـك بـاشـقـۇرۇشـنـى پىلانلاش تەتقىقات بۆلۈمى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە تەتقىقات بۆلۈمـى، خـەلـقئارا تەتقىقات بۆلۈمى، جانلىقلار ئىلمى تەتقىقات بۆلۈمى قاتـارلـىـق بـەش شـۆبـە بۆلۈم بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىـكـى تـەتـقـىـقـات خـىـزمـىـتـى بـىـلـەن شۇغۇللىنىدۇ.
نومۇرا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ كۇتـۇپـخـانىـسـى بـار، «مـالـىـيـە ساھەسىگە نەزەر»، «نومۇرا ھەپتىلىك گېزىتى»، «ئىقتـىـسـاد پـەسـىـلـلـىـك گېزىتى»، «ئىقتىساد ئوبزورى» قاتـارلـىـق گـېـزىـت - ژۇرنـاللارنـى نـەشــر قىلىدۇ.