UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىكوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى

كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى بۇ تەتقىقات ئورنى دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسـىـتـېـتـىـدىـكـى نەزەرىيە فىزىكىسـى پـروفېـسـسـورى نيېلىس بـورنىڭ تەشەببۇسى بىلەن1921 - يـىـلى3 - ئايـدا قۇرۇلغان، كۋانت نەزەرىيـىـسـى، بـولـۇپـمـۇ كـۋانــت مېخانىكىسى جەھەتتىكى تەتقىقاتقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا ناھايىـتـى تېزلا فىزىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئۈچ چـوڭ تـەتـقـىـقـات مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، نۇرغۇنـلـىـغـان فـىـزىـكلار ئۇنـى «فـىـزىـكـا ساھەسىدىكىـلـەرنـىـڭ ھەج - تـاۋاپ قـىـلـىـدىـغـان جـايـى» ۋە كـۋانــت مېخانىكىسى تەۋەللۇت بولغان جاي دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ئورۇن پەن جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئاكتىـپ تـەشـەبـبـۇس قىلىدۇ، دۇنياغا مەشھۇر بەزى فىزىكلار مۇشـۇ يـەردە خـىـزمـەت قـىـلـغـان، ئۆگەنگەن ياكى لېكسىيە سۆزلىگەن، بۇ جاينى زىيارەت قىلغان. نەچـچـە10 يىلدىن بۇيان، كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقـىـقـات ئورنـى600 دىـن ئارتۇق چەت ئەللىك ئالىمنى تەربىيىلىدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىـرى دۇنياغا مەشھۇر ئالىملارغا ئايلىنىپ، بۇلاردىن ئون نەچچىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېـرىـشـىـشـىـدىـكـى ئاساسىي سەۋەب، بۇ يەردە دۇنياغا مەشھـۇر كـوپـېـنـھـاگـېـن روھى، يـەنـى كەمتەرلىك، ئوچۇق كۆڭۈللۈك، قىزغىنلـىـق، ئەركىـنـلـىـك، بـاراۋەرلـىـك ئاساسىدىكى ئىلمىي مۇزاكىرە ۋە تولۇق خـەلـقئارا ھەمـكـارلـىـق روھىـنـىـڭ بولغانلىقىدا. مانا مۇشۇ خىل ئېسىل مەنىۋى پەزىلەت سەۋەبىدىن، ئۇلار دۇنـيـا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەزەرىيە فىزىكىسى ئېـقىـمـى − كوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىـلـدى. بـۇ ئىـلـمـىـي ئېقىم تەجرىبە پاكىتىنى چىقىش قىلىـپ نـەزەرىـيـە بـەرپـا قـىـلـىـش ۋە نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقىنى تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلـىـق سـىـنـاشـتـا چـىـڭ تۇردى. شۇڭا، كۋانت مېخانىكىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشـنـىـڭ تـوغـرا يولىنى تېپىپ، ماترىتسا مېخانىكىسىنى بەرپا قىلدى، ئېـنـىـق ئۆلـچـىـگـىـلـى بولماسلىق مۇناسىۋىتىنى بايقىدى، كۋانت مېخانىكىسىنىىڭ سـتـاتـىـسـتـىـكـىلىق چۈشەندۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكا ئىنـقـىلابى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. كوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۆزلىرىـنـىـڭ ئىـلـمـىـي مۇزاكىرە نەتىجـىـسـىـدىلا ئەمـەس، بـەلـكـى ئۇلارنـىـڭ ئېـيـنـىـشـتـېـيـىـن ۋەكىللىكىدىكى پەن پىرلىـرى بـىـلـەن بـولـغـان ئۆتـكـۈر نـەزەرىـيـە جەڭلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. نەزەرىيە جەڭلىرىنىڭ نەتىجىلىرى فىزىكا يەنىـمـۇ تەرەققىي قىلغاندا ئايدىڭلىشىدۇ، لـېـكـىـن جـاپـا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەتلىك بۇ خـىـل روھ بور ۋە ئۇنىڭ كوپېنھاگېن ئىلمىي ئېقىمىنى تارىخ بېتىدە قالدۇردى. بورنىڭ ئاتوم ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە دانـىـيىـگە كەلتۈرگەن شەرىپىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، دانىيە پادىشاھى قائىدىنـى بـۇزۇپ، ئۇنىڭغا شەرەپ ئوردېنى بەردى.1965 - يىلى بور80 ياشـقـا كـىـرگـەنـدە، كىشىلەر كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى ئورنىنى نيېلىس بور تـەتـقـىـقـات ئورنى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىـپ، كېيىنكىلەرنـىـڭ ئۇنىڭـغـا بـولـغـان مەڭگۈلۈك ئېھتىرامى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
كوپېنھاگېن نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى | UyghurWiki | UyghurWiki