UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىجۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى

جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى جۇڭگو پەن - تېخـنـىـكـا جـەمئىـيـىـتـى − جـۇڭـگـو پـەن - تـېـخـنـىـكـا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، مەملىكەت خاراكتېـرلـىـك تەبىئىي پەن ئىلمـىـي جـەمئىـيـىـتـى بـىـلـەن يـەرلىـك پـەن - تـېـخـنـىـكـا جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى1950 - يىلى قـۇرۇلـغـان جـۇڭـخـۇا مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن مەخسۇس ئىلمىي جەمئىيـىـتـى بـىـرلـەشـمـىـسـى ۋە جـۇڭـخـۇا مـەمـلـىـكـەتـلـىـك پـەن - تـېـخـنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى ئاسـاسـىـدا1958 - يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدە تەبىئىـي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ۋە گىرەلەشمە پەنلەرنى ئۆز ئىچىگـە ئالغان150 كە يېقىن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىـيـەت ياكى تەتقىقات جەمئىيىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر دەرىجىلىـك پـەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەملىكەت خاراكتېرلـىـك ئىلىـم ئالـمـاشـتـۇرۇش ۋە پـەن - تـېـخـنـىـكـا ئومـۇملاشـتـۇرۇش تـورىـنـى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنـىـڭ ئالـىـي ھوقـۇقـلـۇق ئورگـىـنـى مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم يىلـلىـق يىغىن چاقىرىدۇ. ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلدە دائىمىي كومىتېت يىغىنـى ۋەكالىتەن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ، كۈندىلىك ئىشلارنـى شـۇجـىـچـۇ مـەسئۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. پەن - تـېـخـنـىـكـا جـەمئىـيـىـتـىـنـىـڭ رەئىـسـى مەملىكەتلىك قۇرۇلتايدا سايلىنىدۇ، ھازىـرغـىچە ئۈچ نۆۋەتلىك رەئىس سايلاپ چىقىلدى، ئۇلار، ئايرىـم - ئايـرىـم ھالـدا، لى سىگۇاڭ، جۇ پېييۈەن ۋە ھازىرقى رەئىس چيەن شۆسىن. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيـىـتـى تـۈرلـۈك ئىـلـمـىـي يـىـغـىـنلارنـى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلمىي ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە قاراشلىـق ئىلمىي جەمئىيەتلەر بىلەن دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، ئالـىـملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقـنـى كـۈچـەيـتـىـدۇ ۋە ئىـلـگـىـرى سۈرىدۇ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىـللـە، كۆپ خىل شەكىل ۋە ئۇسـۇللار ئارقـىـلـىـق جـەمئىـيـەتـكـە ئىـلـىـم - پـەن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىـدۇ، پەن - تېخنىكىنىڭ تېزدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىـشـىـغـا تـۈرتـكـە بولىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئىـلـىـم - پـەنـنـى سۆيۈش، ئىلىم - پەن ئۆگىنىش تەشۋىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىـشـقـا، پـەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىـشـتـۈرۈش ۋە ئۇلارنـىـڭ سـەۋىـيـىـسـىـنـى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭا گەۋدىلىك تۆھپە قوشـقـان ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن،1988 - يـىـلـى مەخسۇس مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا ياشلار مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki