UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىلوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى

لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى 1799 - يىلى قۇرۇلغان لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئەسلىـدە تەبىئىي پەننى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە پەننىڭ تەتبىقلىنىشىنى تەتقـىـق قىلىدىغان ئورۇن ئىدى. بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي، خان جەمـەتـى تـەتـقـىـقـات ئورنىدىكى مەشھۇر دائىمىي پـروفېـسـسـور ھۇمفرى داۋىـد ئۇنـى ئەيـنـى چاغدىكى بىلىم ساھەسىدىكى زاتلار پەندىـكـى يـېـڭـى بـايـقاشلارنـى ۋاقتىدا ئۆگىنىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنىغا ئايلاندۇرغان. بـۈگـۈنـكـى خـان جـەمـەتـى تـەتـقـىـقـات ئورنـى ئۆزىـنـىـڭ پـەنـنـى چۈشەندۈرۈشتىكى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىسى بىلەن دۇنياغا مـەشـھـۇر ھەم نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىدىغان مەركەز. ئۇنىـڭ «جۈمە نۇتۇق يىغىنى» باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىـدىـغـان ئالىملار ۋە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايـدىـلىـق. نـۇتـۇق يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ۋە باشقا قىزىقارلىق مەزمۇنلار ھەر يىلى «خان جەمەتى تەتقىقات ئورنـى يـىـغـىـن خـاتـىـرىـسـى» دە ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى ئۇيۇشتۇرغان «روژدېستۋو بايرىـمـى لېكسىيىسى» 1825 - يىلى تەشكىللەنگەندىن تا ھازىرغىـچـە داۋامـلـىـشـىـپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىنىڭ نۆۋەتتـىـكـى بـىـر تـۈرلـۈك مـۇھىـم پائالىيىتـى شـۇكـى، پـەن ئوقـۇتـقـۇچـىـلـىـرىـنـى تـۈركـۈمـلـەپ ئېكسكۇرسىيەقىلىش ھەم تەتقىقات ئورنىدىكى پەن تـەتـقـىـقات گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خىزمـەتـداشلار ۋە ئوقـۇغـۇچـىلار بـىـلـەن ئۇچرىشىش، پەن جەھەتتىـكـى ئەڭ يـېـڭـى ئەھۋاللارنـى مـۇزاكـىـرە قىلىش، تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەت كۆرگەزمىسىـنـى زىـيـارەت قـىـلـىـشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. تەتقىقات ئورنى ھەر يىلى6 - يىللىقتىكى ئوقۇغـۇچـىلارغـا ئۈچ قـارار ئىـلـىـم - پەندىن ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛4 - يىـلـلـىـقـتـىـكـى ئوقۇغۇچىلار ۋە تەييارلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ئايرىـم - ئايـرىـم ھالـدا44 قېتىم بىرقەدەر تەپسىلىي بولغان لېكسىيە ۋە چۈشىنىشلىك تونـۇشـتـۇرۇش نۇتقى تەشكىللەيدۇ. پەنگە قىزىقىدىغانلىكى ئادەم خان جەمەتى تەتقىقات ئورنـىـنـىـڭ ئەزاسى بولالايدۇ، ئۇنىڭدا پەن سالاھىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلـىـمـە خاراكتېرلىك چەكلىمە يوق.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى
لوندون خان جەمەتى تەتقىقات ئورنى | UyghurWiki | UyghurWiki