سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى
ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ پەن - تېخنىكا تەشـكـىلاتـى بـولـۇپ،1925 - يىلى قۇرۇلغان، جەمئىيەت تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەتكـە قاتناشقان پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى ئىقتىـسـادنـىـڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە پەن - تېخنىكـا تـەرەقـقـىـيـاتـىـنـى ئىـلـگـىـرى سۈرۈشكە سەرپ قىلغان. جەمئىيەت پەن - تېـخـنـىـكـا خـادىـمـلـىـرىـنـىـڭ ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى مۇستەھكەملىشى ۋە بېيىتىشى، سەۋىيىسىنـى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن ھەم ئۇلارنى ئىـلـىـم ئالـمـاشـتـۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىـڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى پۈتۈن سوۋېت پەن - تېخنىكا جەمئىـيـىـتـى كـېـڭـەش يىغىنى بولۇپ، قارىمىقىدا خىزمەت كومىتېتى ۋە تارماق ئاپپـاراتلار تـەسـىـس قىلىنغان. «پەن ۋە تېخنىكا» ژۇرنىلى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن نـەشر قىلىناتتى.
جەمئىيەت قارىمىقىدىكى سوۋېت تـاشـقـى دوسـتـلـۇق ۋە مـەدەنـىـيـەت جەمئىيىتى بىرلەشمىسى40 نەچچە دۆلەتتىـكـى جـەمئىـيـەت بىلەن ئالاقە باغلىغان ۋە120 نەچچە دۆلەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان. بۇ جەمئىيـەت قارىمىقىدىكى دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بىرىگە قاتناشسىلا، موسـكــۋا كالىنىن كوچىسىغا جايلاشقان دوستلۇق سارىيىدىـكـى ئېـسىـل كـۇلـۇبــىنىڭ زال ۋە رېستورانلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقـۇقـىـغـا ئىـگـە بـولـغـاچـقـا، بـۇ جـەمئىـيـەت ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.