UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىجۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى 1949 - يىـل11 - ئايـنـىـڭ1 - كـۈنـى قـۇرۇلـغـان جـۇڭـگـو پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى جۇڭگودىكى ئالىي ئىلمىي ئاپپارات ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۇنىۋېرسـال تەتقىق قىلىدىغان «دۆلەت قوشۇنى». ماتېماتىكا - فىزىكا ئىلىم يۇرتى، خىمىيـە ئىلىم يۇرتى، بىئولوگىيە ئىلىم يۇرتى، گېئونومىيە ئىلىم يۇرتى ۋە تېـخـنـىـكـا ئىلمى ئىلىم يۇرتىدىكى400 نـەپـەر ئەزادىـن تەشكىللەنگەن ئىلىم يۇرتى يىغىنى ئىلىم رەھبەرلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. شۇنىـڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېـمـىـيـىـسـى123 پـەن تـەتـقـىـقـات ئاپپاراتىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تـەبـىئىـي پـەن يېڭى نەزەرىيىسى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى مېتودىنى تەتـقىـق قـىـلـىـش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ خەلق ئىگىلىكـى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئۇنىۋېرسال، ئاچـقـۇچـلـۇق چـوڭ - چـوڭ پـەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى باھالاش، پەن تەتقىقات ئەمەلىيىتى ۋە ئاسپىرانتلارنـى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيىلىك پەن تەتقىقات قوشۇنىـنـى بـەرپـا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تـەتـقـىـقـات ئاپـپـاراتـلـىـرى پـۈتـۈن مەملىكەتتىكى20 نەچچە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونغا تارقـالـغـان ھەم شاڭخەي، نەنجىڭ، خېفىي، شېنياڭ، چاڭچۈن، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، چېڭـدۇ، كۇنمىڭ، لەنجۇ، شىئەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق10 نەچـچـە شـەھەردە شـۆبـە تەسىس قىلغان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىـرىـغـا تـارالـغـان123 پەن تەتقىقات ئاپپاراتىغا بىر تۇتاش رەھبـەرلـىـك قـىـلـىـدۇ، ئاكـادېـمـىـيـە باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلاردىن گـو مـورو، فـاڭ يـى، لـۇ جـيـاشـى، جـۇ گۇاڭجاۋ، لۇ يۇڭشياڭلار بار. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىـلدۈرۈشـكـە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنـىـڭ قـارىمـىـقـىـدىـكـى جـۇڭـگـو پـەن - تـېـخـنـىـكـا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى جۇڭگودىكى مەشھۇر ئالـىـي بىلىم يۇرتلىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى