UyghurWiki
UyghurWikiئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىدۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى

دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى

ئىلىم - پەن تەشكىلاتلىرى 3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسى (SAWT) پاكىستـانـلىق مـەشـھـۇر ئالىم پروفېسسور سالام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسـى بـىـلـەن1983 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ3 - دۇنيا ئالىملىرى قۇرغان، سىيـاسـىيـدىن، ھۆكـۈمـەتتىن خالىي ۋە تىجارەت تۈسىنى ئالمىغان ئىلىم - پەن تەشكىلاتى.1984 - يىلى9 - ئايدا، كانادا خەلقئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى ئۇنىڭغـا50 مىڭ كانادا دوللىرى ماددىي ياردەم بەرگەن؛1984 - يىلى10 - ئايدا ئىتالىـيـە ھۆكۈمىتى500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرگەن. شۇنىڭدىن كېـيـىـن،3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى قانات يايـغان. ئۇنـىـڭ نىشانى تەرەققىي قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەت ئالىمـلـىـرى يـاراتـقـان يـۇقـىـرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېگىشـلـىـك ھۆرمـەتـكـە ۋە ئېـتـىـراپـقـا ئېرىشتۈرۈش، ئىلمىي ئالماشتۇرۇشقا تـۈرتـكـە بـولـۇش، پـەن تـەتـقـىـقـات خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆپەيتىش ئارقىلىـق3 - دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئاكادېمىيە باشلـىـقـى،ئۈچ مۇئاۋىن باشلىق، بىر نەپەر كاتىپ، خەزىنىدار ۋە بىر نەپەر مەمۇرىي كاتـىـپـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بـولـىـدۇ ۋە پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى يىغىنىدا ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ.1987 - يىلى9 - ئايدا بېيجىـڭـدا3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ2 - قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلىپ، تەرەققىـي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان50 نەچچە دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىـيـىـسـىنىڭ باشلىقلىرى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىرى ھەم بـىـرلـەشـكـەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن جەمئىي400 نەچچە ئادەم قاتناشتى. بۇ قېتىمـقى يـىـغـىـنـدا ئىـلـىـم - پـەن تەتقىقاتىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقـان4 ئالـىـمـغـا3 - دۇنـيـا ئىـلـىـم - پـەن مۇكاپاتى تارقىتىلدى. جۇڭگودىن ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ مۇتەخەسسىسـى جـاۋ جۇڭشەن، ھىندىستاندىن ۋىسۋامىت، مىسىردىن ھەسەن ۋە برازىلىيـىدىن پېختو، ئايرىم - ئايرىم ھالدا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىـمـىـيـە ۋە مـاتـېـمـاتـىـكـا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.3 - دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىنى ئىككى يىـلـدا بـىـر قېتىم چاقىرىلىدۇ،3 - قېتىملىق يـىـغـىـن1989 - يـىـلـى كـولـومـبـىـيـىـدە چاقىرىلدى. مەزكۇر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى3 - دۇنيا ئەللىرىـدىـكـى دۇنياغا مەشھۇر ئالىملار.1989 - يىلغا قەدەر ئېلىمىزدىن ئاكادېمـىـكـلىـقـقـا سايلانغان مەشھۇر ئالىملاردىن دىڭ گويۈ، لۇ جياشى، فېڭ دېـپـېـي، سـۇن خۇڭليې، جۇ جېندا، چېن جۇڭۋېي، جۇ گۇاڭجـاۋ، جـاۋ جـۇڭـشيـەن، جياڭ بوجۈ، تەن جياجېن، خۇاڭ كۈن، لياڭ دۇڭسەي، زېـڭ چـېـڭـكـۈي، لـيـاۋ شەنتاۋ ۋە دۇنيادىن ئۆتكەن خۇالوگېڭ، شيا نەي قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرى