UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىخروموسوم

خروموسوم

ھۈجەيرە بىلىملىرى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىغا ئوخشايدۇ؟ بۇنىڭ سىرى دۆلەت مەركىزىگە يوشۇرۇنغان. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى، ھەتتا بىر تال چېچىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. مەلۇم بىر بالىنىڭ كۆزى ئانىسىنىڭكىگە بەك ئوخشىسا، ئۇنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ كۆزىنى بالىسىغا بەرگەن بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. تەتقىقاتلار ئارقىلىق، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغىنى خروموسوم دەپ ئاتىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكى بايقالدى. خروموسوم (بويالغۇچى تەنچە) دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ماددىلارنىڭ ئىشقارلىق بوياقلار (مەسىلەن، جېنتىئانا ۋىئولېت ئېرىتمىسى، ھېماتوكسىلىن، ئاتسىتوكارمىن) دا ئاسان بويىلىپ توق رەڭگە كىرىدىغانلىقىدىندۇر. ئالىملارنىڭ ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق، بۇ خىل ماددىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبىنىڭ ئاساسەن دېئوكسى رىبونۇكلېئىن كىسلاتا (80 − 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) بىلەن ئاقسىل (10 − 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ھۈجەيرە بۆلۈنمىگەن چاغدا بۇ خىل ماددا مىكروسكوپ ئاستىدا دانچىسىمان ياكى يىپسىمان كۆرۈنىدىغان بولۇپ، خروماتىن دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھۈجەيرە بۆلۈنۈۋاتقان چاغدا بۇ خىل ماددا مىكروسكوپ ئاستىدا تاياقچىسىمان كۆرۈنىدىغان بولۇپ، خروموسوم دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىرلا خىل ماددا بولۇپ، پەقەت شەكلىلا ئوخشاشمايدۇ، خالاس. ھەربىر جۈپ خروموسومنىڭ ئۆزىگە خاس مۇقىم شەكلى بولۇپ، مىكروسكوپتا ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى رەسىملەر خروموسومنىڭ مودېلى بولۇپ، ئوخشاش بىر خروموسومنىڭ ئەمدىلا بۆلۈنگەن چاغدىكى ۋە بۆلۈنۈش تاماملىناي دېگەن چاغدىكى ئوخشىمىغان شەكلى ئايرىم - ئايرىم ئىپادىلەنگەن. بۆلۈنۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (يۇقىرىدىكى رەسىم) دىكى خروموسوم تامامەن ئوخشاش ئىككى دانە خروماتىدتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ئىككى دانە خروماتىد خۇددى ئاچا - سىڭىلدەك بىر ئۇلىنىش نۇقتىسى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كېيىنچە ئۇلىنىش نۇقتىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئىككى خروماتىد ئايرىلىپ كېتىدۇ (تۆۋەندىكى رەسىم)، مانا بۇ خروموسومنىڭ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ھالىتىدۇر. ئەسلىدە، ھۈجەيرە بۆلۈنمەستە بارلىق خروموسوملار ئۆزلىرىنى جىمجىت ھالدا نۇسخىلايدىغان، يەنى ئۆزلىرىگە ئوپمۇئوخشاش بولغان خروموسوملارنى ياساپ چىقىدىغان بولغاچقا، ھۈجەيرە بۆلۈنىدىغان چاغدا ھەربىر خروموسوم ئوخشاش بولغان ئىككى خروماتىدتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بۆلۈنۈشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىككى خروماتىد ئايرىلىپ ھۈجەيرىنىڭ ئىككى قۇتۇپىغا تەقسىملىنىدۇ، ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ ئەڭ ئاخىر ئىككى يېڭى ھۈجەيرە ھاسىل قىلغاندا، ھەربىر ھۈجەيرە شەكلى ۋە سانى تامامەن ئوخشايدىغان بىر يۈرۈشتىن خروموسوملارغا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەربىر خىل جانلىقنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىدە شەكلى ۋە سانى جەھەتتە ئوخشاش بولغان خروموسوملارنىڭ بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. خروموسوملارنىڭ شەكلى ۋە سانىنى تەتقىق قىلىش تۈرلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، مېۋە چىۋىنىنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدىكى خروموسوم سانى8 ، كۆممىقوناقنىڭ20 ، شالنىڭ24 ، بۇغداينىڭ42 ، چوشقىنىڭ38 ، ... بولىدۇ. ئادەمنىڭ خروموسومى46 تال بولىدۇ، مەيلى ئېغىز بوشلۇق ھۈجەيرىسىدە ياكى ئاشقازان - ئۈچەي دىۋارى ھۈجەيرىسىدە بولسۇن، ئەر ياكى ئايال، چوڭ ئادەم ياكى كىچىك بالا بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ھۈجەيرىسىدە46 تالدىن خروموسوم بولۇپ، ئۇلار جۈپلەشكەن ھالدا جەمئىي23 جۈپ خروموسومنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەيلى ئاق تەنلىك، سېرىق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ تەن ھۈجەيرىسىدىكى خروموسوملىرىنىڭ سانى ئوخشاشلا46 تالدىن بولىدۇ. خوروموسومدا شۇ تۈرنىڭ بارلىق ئىرسىي ئۇچۇرلىرى بولۇپ، تۈرلەردىكى پەرقلەر پۈتۈنلەي خروموسومدىكى پەرقلەردۇر. مەسىلەن، ئادەمنىڭ قارا چاچ، سېرىق چاچ، كۆك كۆز، قارا كۆز بولۇشى قاتارلىقلار تامامەن ھەربىر ئادەمنىڭ خروموسومىدا بەلگىلەنگەن. خروموسوم ھۈجەيرە بۆلۈنگەندە ئۆزىگە ئوپمۇئوخشاش يەنە بىر يۈرۈش خروموسومنى نۇسخىلاش ھەمدە يېڭى شەكىللەنگەن ھۈجەيرىلەرگە تەقسىملىنىش ئارقىلىق، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ ئىرسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى
خروموسوم | UyghurWiki | UyghurWiki