UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى

ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى

ھۈجەيرە بىلىملىرى راكنىڭ لاتىنچە نامى recnac بولۇپ، ئەسلىي مەنىسى تاغ قىسقۇچپاقىسى دېگەندىن ئىبارەت. تاغ قىسقۇچپاقىسى ياۋۇز ھەم غەلىتە بولۇپ، قالايمىقان ئۆمىلەپ يۈرىدىغان بولغاچقا، راكنىڭ ياۋۇزلۇقى ۋە ئاسان تارقىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇشۇ نام بېرىلگەن. مېدىتسىنادا راك كېسىلىنى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجغا بويسۇنماستىن نورمالسىز ئۆسۈۋېرىدىغان، شۇنداقلا پىشىپ يېتىلمىگەن ھۈجەيرىلەر توپى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى خورىتىپ، نورمال توقۇلمىلارنى بۇزۇپ، ئورگانىزمغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى «مەرەز» دەپ ئاتىلىدۇ. راك ھۈجەيرىسىدە مۇنداق ئۈچ ئاساسىي ئالاھىدىلىك بار: بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ بۆلۈنۈشى تەرتىپسىز بولىدۇ، يەنى ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجىغا باقماستىن ۋە ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىماستىن ساراڭلارچە بۆلۈنۈۋېرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال بىمار تېنىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى تارتىۋېلىپ، بىمارنى ئورۇقلىتىپ زەئىپلەشتۈرىدۇ؛ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا بېسىپ كىرىپ قانىتىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇ يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، يەنى راك ھۈجەيرىلىرى بىر - بىرىدىن ئاسان ئايرىلىپ، بىرقسىم ئەركىن راك ھۈجەيرىلىرى قان سۇيۇقلۇقى ۋە لىمفا ئارقىلىق بەدەندىكى باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ، يېڭى راك توقۇلمىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولمايدۇ، يەنى نورمال فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ قېنىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى سانى ھەربىر مىللىمېتىردىكى نەچچە مىڭدىن نەچچە ئون مىڭ ۋە نەچچە يۈز مىڭغىچە كۆپىيىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە گۆدەك ھۈجەيرىلەر % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەچكە، بىرلىشىپ جەڭ قىلىش قوشۇنىلىق رولىنى جارى قىلماستىن، ئەكسىچە كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ. نەتىجىدە، بىمار كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بىلەن يۇقۇملىنىۋېرىپ قىزىتمىسى يانمايدۇ. راكقا ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىدە ناھايىتى كۆپ پۈرمىلەر بولۇپ، بۇ پۈرمىلەر ھۈجەيرىنىڭ سۈمۈرۈش ۋە چىقىرىش فۇنكسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. خوندرىئوسومنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشى ياكى كەمتۈك بولۇپ قېلىشى ھۈجەيرە ئىچىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سىتوپلازما ئىچكى تورى ۋە رىبوسومدىمۇ ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نورمال ئاقسىللارنى پەيدا قىلىش فۇنكسىيىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ھۈجەيرە يادروسى يوغىناپ، شەكلى تەرتىپسىز بولۇپ، خروموسومنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، راك ھۈجەيرىلىرى چەكسىز بۆلۈنۈۋېرىدىغان، شۇنىڭدەك بۆلۈنگەندىن كېيىنكى ھۈجەيرىلەر نورمال ئەزالارنى شەكىللەندۈرەلمەيدىغان بولغاچقا، كۆپلەپ يىغىلىپ ئۆسمىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازاندا راكقا ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر بار بولسا، بۇ ھۈجەيرىلەر كۆپلەپ بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى بىلەن ئاشقازان دىۋارى مۇسكۇلىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. نەتىجىدە، ئاشقازان ئىچىدە راكقا ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ - دە، راك ھۈجەيرىلىرى قانچە كۆپ بولسا، ئاشقازاننىڭ تۈزۈلۈشىنى شۇنچە بۇزىدۇ. ئەگەر راكقا ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر ئۆسمىدىن ئاجراپ چۈشسە، قانغا ئەگىشىپ باشقا ئەزالارغا ئېقىپ بارىدۇ - دە، راكنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا ھازىرچە بەش خىل قاراش بار: بىرىنچى، مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان قاراش، مەسىلەن، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا ئاسان گىرىپتار بولۇشى، ئافلاتوكسىن بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكنى يېگۈچىلەرنىڭ جىگەر راكىغا ئاسان گىرىپتار بولۇشى، رادىئوئاكتىپ نۇر تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشى قاتارلىقلار. ئىككىنچى، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان قاراش، مەسىلەن، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ سۈت بېزى ئاجراتمىسىدىن B تىپلىق ANR ۋىرۇسى تېپىلغان. ئۈچىنچى، دەسلەپكى راك گېنىنىڭ ئاكتىپلىشىشى توغرىسىدىكى تەلىمات بولۇپ، بۇنىڭدا بارلىق ھۈجەيرىدە يوشۇرۇنغان دەسلەپكى راك گېنى بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئۆمۈرۋايەت تورمۇزلانغان ھالەتتە تۇرىدۇ، مۇبادا ئاكتىپلاشسا راكقا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. تۆتىنچى، تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ نورمالسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان تەلىمات بولۇپ، بۇنىڭدا ھۈجەيرە ئىچىدىكى نورمال گېننى تەڭشەپ كونترول قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلسە، ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. بەشىنچى، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان قاراش بولۇپ، بۇنىڭدا نورمال ئەھۋالدا بىرقانچە راك ھۈجەيرىسى ئۆزلۈكىدىن ۋاقتى - ۋاقتىدا تازىلىنىپ تۇرىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندە، تەرەققىي قىلىپ راكقا ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى