UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىئەسىردىكى زور كەشپىيات − ھۈجەيرە تەلىماتى

ئەسىردىكى زور كەشپىيات − ھۈجەيرە تەلىماتى

ھۈجەيرە بىلىملىرى گېرمانىيە بوتانىكا ئالىمى شلېيدىن (1804 −1881 - يىل) ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بىرىنچى بولۇپ تۆھپە ياراتقان. ئۇ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېپىدېرمىلىرىنى مىكروسكوپتا كۆزىتىپ، مەيلى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خوك تەرىپىدىن نام بېرىلگەن ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغانلىقمۇ؟ ئۇ يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى ۋە چېچەكلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى مىكروسكوپ ئاستىغا بىۋاسىتە قويۇپ قارىغاندا قاپقارا كۆرۈنىدۇ، شلېيدىن ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەيدۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، بۇ نەرسىلەرنى بىرىتىۋا بىلەن كېسىۋېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزى توساتتىن غولنىڭ بىرنەچچە پارچە يالتىراپ تۇرغان نېپىز ياپراقچىسىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ ياپراقچىلارنى مىكروسكوپ ئاستىغا قويۇپ كۆرۈپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران غوللىرىنىڭمۇ ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ كۆپ قېتىم كۆزىتىش ئارقىلىق ھۈجەيرىلەرگە ئائىت نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزىپ چىقىپ، ئاخىر ھۈجەيرە ئۆسۈملۈكلەر تېنىنى تۈزگۈچى ئاساسىي بىرلىك، دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ تەتقىقات نەتىجسىنى «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى» ۋە «بوتانىكا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» دېگەن كىتابلىرىغا كىرگۈزىدۇ. گېرمانىيىنىڭ يەنە بىر زوئولوگىيە ئالىمى شىۋان (1810 −1882 - يىل) مىكروسكوپ ئاستىدا ھايۋان ھۈجەيرىلىرىنىڭ غەلىتە دۇنياسىنى، يەنى شارسىمان قان ھۈجەيرىلىرى، تالاسىمان مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى، ...نى بايقايدۇ. شىۋان بۇلارنى خاتىرىلەش ۋە رەسىملىرىنى سىزىش ئارقىلىق ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھايۋانلار تېنىمۇ ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ، دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۆسۈشىنىڭ بىردەكلىكى توغرىسىدىكى مىكروسكوپىك تەتقىقات» دېگەن دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر بارلىققا كېلىپ، ئىلىم - پەن ساھەسىنى لەززىگە سالىدۇ. شلېيدىن بىلەن شىۋان ياراتقان ھۈجەيرە تەلىماتىنى ئېنگېلس19 - ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى، دەپ تەرىپلىگەن. بۇ تەلىمات بىئولوگىيە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئېچىپ، دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئۈچۈن مىكرو دۇنيا جەھەتتە ماددىي ئاساس سالغان.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى