ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قوغدىنىشى
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئۆسۈملۈكلەر ئۇزاق مەزگىللىك ياشاش رىقابىتى جەريانىدا، دۈشمەنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان خىلمۇخىل «قورال» لارنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن.
توكسىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قورالىدۇر. ئۆسۈملۈكلەرگە باشقىلار چېقىلغاندا ياكى ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن يېيىلگەندە بۇ خىل توكسىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۆسۈملۈك توكسىنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان ئورۇنلىرىغا، مەسىلەن، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياسايدىغان ياكى ئەۋلاد قالدۇرىدىغان مېۋە ۋە گۈلىگە مەركەزلەشكەن. شىرنىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە زەھەر بولىدۇ، مەسىلەن، ئانتىيار دەرىخىنىڭ شىرنىسى تەركىبىدە يۈرەكنى كۈچلەندۈرگۈچى گلۇكوزىد، سىرىس (ئالبىزىيە) دەرىخىنىڭ شىرنىسى تەركىبىدە سىئانىدلار، ئاقىر قەرھانىڭ شىرنىسى تەركىبىدە پرېترىن قاتارلىقلار بولىدۇ.
غەيرىي پۇراقمۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەنە بىر قوغدىنىش قورالىدۇر. مەسىلەن، ئۈستىقۇددۇس ۋە چۆل رەيھىنىنىڭ پۇرىقى ھايۋانلارنى سەسكەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتىدۇ. قارىمۇچ، قىچا ۋە قىزىلمۇچ قاتارلىق بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى قاڭسىق بولمىسىمۇ، مېۋە ۋە ئۇرۇقلىرى زەھەرسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئېغىزغا تېتىمايدىغان ياكى غىدىقلىغۇچى ھەر خىل ماددىلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھايۋانلار ئۇلاردىن قاچىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېسەللىك زىيانداشلىرىغا بولغان قارشىلىق كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا زەخىملەنسىمۇ يارىسى ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ، تېنىگە بۆسۈپ كىرگەن مىكرو ئورگانىزملار تېزلا ئۆلىدۇ. دېمەك، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىنى دۇبۇلغا - ساۋۇتقا ئوخشايدىغان بىر قەۋەت مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت قاپلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېسەللىك باكتېرىيىلىرى بۇ خىل مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتتىن ئۆتەلمەيدۇ. نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر يەنە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدىغان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، زىغىر يىلتىزىنىڭ ئاجراتمىلىرى تەركىبىدە سىئانىد بولىدۇ، سۇلۇ يوپۇرمىقىدا زەھەرلىك گلۇكوزىد بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، باكتېرىيىلەر ئۆسۈملۈك تېنىگە بۆسۈپ كىرگەندە، ئۇلار يەنە كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرىدىغان ئالاھىدە ماددا − ئۆسۈملۈك قوغدىغۇچى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر يەنە كۆپ خىل ئۆسۈملۈك قوغدىغۇچى ماددىلارنى، يەنى يېسسى پۇرچاق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان فاسېئولىننى، كۆك پۇرچاق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان پىساتىننى بايقىغان.
نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىكىنى بولغاچقا، ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. زىرىق، ئاق ئاكاتسىيە ۋە كاكتۇسلارنىڭ تېنىدە يوپۇرماقلىرىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن ھاسىل بولغان تىكەنلىرى بولىدۇ. كاشتاننىڭ تىكىنى ئۇرۇقنىڭ سىرتىدىكى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرىدا بولغاچقا، ھايۋانلار ئۇنى يېيىشكە ئاسان پېتىنالمايدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر تىكىنى بىلەن زەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى مۇداپىئە قورالىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغدىنىدۇ. ئادەمنى چاقىدىغان چاققاقئوت مانا مۇشۇ خىل ئۆسۈملۈكتۇر. پۇرۇپكىلىق دۇپ دەرىخى بىلەن يۇمشاق پۇرۇپكىلىق دۇپ دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىدا بىر قەۋەت قېلىن پۇرۇپكا قەۋىتى بولغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرىمۇ قېلىن ھەم قاتتىق بولغاچقا، زىيانداش ھاشاراتلار ئۇلارغا ئاسان تېگەلمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، ياڭاق، شاپتۇل، ئالۇچا ۋە ئۆرۈكلەرنىڭ ئۈچكىلىرى تاشتەك قاتتىق بولغاچقا، ئۇرۇقلىرىنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ.
نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر يېپىشقاق ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تەكشى تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە يامىشىپ چىققان ھاشاراتلارنى چاپلاشتۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ. مەسىلەن، تاشيارغاننىڭ يوپۇرماقلىرى ئۈستىدە دائىم دېگۈدەك بەزى ھاشاراتلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مانا بۇلار يېپىشقاق قوغدىغۇچى ماددىلار تەرىپىدىن چاپلاشتۇرۇۋېلىنغان ئولجىلاردۇر.
بەزى ئۆسۈملۈكلەر باشقا بىر خىل ئۆسۈملۈك ياكى جىسىمنىڭ قىياپىتىدە ئۆسۈپ ئۆزىنى قوغدايدۇ. مەسىلەن، ساختا چاققاقئوتنىڭ ئادەمنى چېقىش ماھارىتى بولمىسىمۇ، لېكىن سىرتقى قىياپىتى ئادەمنى چاقىدىغان چاققاقئوتنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولغاچقا، ھايۋان ۋە ئادەملەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ.
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆسۈش سۈرئىتى بولغاچقا، ھايۋانلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يېيىلىپ كېتىپ نەسلى قۇرۇپ كېتىشتەك بەختسىزلىككە ئاسان ئۇچرىمايدۇ.