ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشى
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئۇرۇق تۇپراققا تېرىلغاندىن كېيىن بىخلىنىپ يېڭى تۈپ بولۇپ ئۆسۈپ چىقىشتا، ئاساسەن ئۇرۇق ئىچىدىكى تۆرەلمىگە تايىنىدۇ. تېرىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسىلا دەرھال ئۈنۈپ چىقىۋەرمەيدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇق تۆرەلمىسى ھايات، سىرتقى مۇھىت شارائىتى مۇۋاپىق بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا ئۈنمەستىن، بىر مەزگىل «ئۇخلاش» دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۈنىدۇ. ئۇرۇقنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشى دېيىلىدۇ.
ئۇخلاش خۇسۇسىيىتى بار ئۇرۇقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش ئەمەس، قىسقىلىرىنىڭ بىرقانچە ھەپتە، ئۇزۇنلىرىنىڭ2 −3 يىل بولىدۇ. ئۇرۇقنىڭ ئۇخلىشىغا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال سەۋەب بولىدۇ:
بىرىنچى، نېلۇپەر، ئاق ئاكاتسىيە، سوپۇن دەرىخى، قىزىل كەتىرا قاتارلىقلارنىڭ پىشقان ئۇرۇقلىرىنىڭ پوستى قاتتىق ھەم زىچ بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھاۋا ۋە سۇ ئاسانلىقچە ئۆتەلمەيدۇ. بۇنداق ئۇرۇقلار نەم ھەم ئىللىق تۇپراققا تېرىلغان تەقدىردىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۈنمەيدۇ. ئۇلارنى تېز ئۈندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۇرۇق پوستىنى بۇزۇۋېتىش لازىم.
ئىككىنچى، سىرتىدىن قارىغاندا ئۇرۇق پىشقان ھەم ئانا تېنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇق ئىچىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان تۆرەلمىسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. كۈمۈش ئۆرۈك، قىزىل قارىغاي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۇخلىشى مۇشۇ سەۋەبتىن بولىدۇ.
ئۈچىنچى، پەمىدۇر ۋە تەرخەمەك (ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بار) لارنى يەرگە كۆمۈپ قويغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى دەرھال چىقىرىۋېلىپلا يەرگە بىۋاسىتە تېرىغاندا خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن ئۈنىدۇ ياكى زادىلا ئۈنمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى پەمىدۇر ۋە تەرخەمەك قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى تەركىبىدە ئۇرۇقنىڭ ئۈنۈشىنى تورمۇزلايدىغان ماددىلار (مەسىلەن، بەزى ئۆسۈملۈك ئىشقارلىرى، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىقلار) بولغانلىقىدىندۇر. بۇ تۈردىكى ئۇرۇقلار مېۋىدىن ئايرىلىپ، تورمۇزلىغۇچى ماددىلارنىڭ تەسىرى يوقىتىلغاندىن كېيىنلا ئالدىن ئۈنەلەيدۇ.
تەبىئىي شارائىت ئاستىدا ئۇرۇقنىڭ ئۇخلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۆسۈملۈكنىڭ مۇھىتقا ماسلاشقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى ناۋادا كۈزدە پىشىپ تۇپراققا چۈشۈپ ناھايىتى تېز ئۈنۈپ چىققان تەقدىردىمۇ قىش كېلىشى بىلەنلا مايسىلىرى ئۈششۈپ ئۆلۈپ قالىدۇ - دە، بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر ئاسانلا نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. ئەكسىچە، ئۇرۇقىدا ئۇخلاش خۇسۇسىيىتى بار ئۆسۈملۈكلەر بولسا قاتتىق سوغۇقتىن خالىي بولۇپ، ئەۋلادلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇرۇقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئوڭۇشلۇق ئۈنۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇرۇقلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.