UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىبېلىق مېيىنىڭ بايقىلىشى

بېلىق مېيىنىڭ بايقىلىشى

ھۈجەيرە بىلىملىرى 1904 - يىلى، مايلى ئىسىملىك بىر چەت ئەللىك دوختۇر ياپونىيىدە دوختۇرلۇق قىلىۋېتىپ، بىر خىل «نۇرسىزلىق كېسىلى (ۋىتامىن A يېتىشمەسلىك كېسىلى)» نى بايقايدۇ. بۇ كېسەللىكتە ئادەمنىڭ تېرە ۋە چاچلىرى خۇددى قۇرۇپ قالغان قوۋزاقتەك پارقىراقلىقىنى يوقىتىدىكەن، كۆز مۈڭگۈز بەردىسىمۇ دۇغلىشىپ قېتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نامراتلار ئىكەن. مايلى1400 بىمارنى داۋالىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ. بىر قېتىم ئۇ بىر بىمار بالىنىڭ توخۇنىڭ جىگىرىنى يەپ ساقايغانلىقىنى بايقايدۇ. توخۇنىڭ جىگىرىدە نېمە سىر باردۇ؟ دوختۇر مايلى بۇ توغرىسىدا بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن بولسىمۇ، بۇ سىرنى ئاچالمايدۇ. ئامېرىكا ئالىمى تايۋىس جىگەرنىڭ سىرىنى ئېچىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ قاچىغا ترېسكا بېلىقىنىڭ جىگىرىنى سېلىپ، سۇس ئوتتا ئاستا - ئاستا قاينىتىۋېرىپ، بېلىق جىگىرىنىڭ چەككىلەنمىگەن مېيىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ناترىي ھىدروكسىدنىڭ ئىسپىرتتىكى ئېرىتمىسىنى قۇيۇپ، ℃ 60 تا تېز قوچۇپ بېرىپ، بېلىق جىگىرىدىكى ياغنى تولۇق ئىشقارلاشتۇرۇپ، ئۇنى سوپۇن ۋە گلېتسېرىنغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ سوپۇن ۋە گلېتسېرىننى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، بىر خىل ئاجايىپ ماددىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ سېرىق رەڭلىك يېپىشقاق ھەم قويۇق بىر خىل سۇيۇقلۇق بولۇپ سۇدا ئېرىمەستىن پەقەت ياغدىلا ئېرىيدىغان بولغاچقا، تايۋىس ئۇنىڭغا «ياغدا ئېرىيدىغان A» دەپ ئىسىم قويغان، مانا بۇ ۋىتامىن A دىن ئىبارەت. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ۋىتامىنلار ئارقا - ئارقىدىن بايقالدى. ھەر خىل ۋىتامىنلارنى ئىنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ۋىتامىن A نى ساپ ھالدا چەككىلەپ ئالغان ئالىم − تايۋىسنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى!
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى