UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىقان تومۇر

قان تومۇر

ھۈجەيرە بىلىملىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا ئافرىقىدىكى نېل دەرياسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6600 كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ. بۇ ئۇزۇنلۇقنى بەدىنىمىزىدكى ھاياتلىق دەرياسى − قان تومۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،10 /1 گىمۇ يەتمەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئارتېرىيە، ۋېنا ۋە قىلدام تومۇرلارنى قوشقاندا، ئۇزۇنلۇقى96 مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدىكەن. ھاياتلىقنىڭ بۇ ئۇزۇن دەرياسىدا ئىنسانلارنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان قېنى توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ. قان پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى توختىماي ئوزۇقلۇقلار ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلار چىقارغان كېرەكسىز ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز توشۇپ ياكى پىششىقلاپ ئىشلەپ قايتا پايدىلىنىشقا قاتناشتۇرىدۇ ياكى بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. قان ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا توختىماي ئېقىش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. قان ئېقىمىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ يۈرەكتىن كېلىدۇ، ئادەمنىڭ ئۆمرىدە يۈرەكتىن قان تومۇرلارغا كىرگۈزۈلىدىغان قاننىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن200 مىليون كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. مۇبادا قاننىڭ ئېقىشى توختاپ قالسا، ھاياتلىقمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى