ھۈجەيرىلەر شەكىل تۈزۈلۈش جەھەتتە خىلمۇخىل بولىدۇ
ھۈجەيرە بىلىملىرى
تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرە − ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. تاۋۇز يەۋاتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ گۆشىدە نۇرغۇن يالتىراپ تۇرغان ئۇششاق شارچىلارنى، يەنى پىشقان تاۋۇزنىڭ ئەت (گۆش) ھۈجەيرىلىرى توپىنى كۆرىسىز. چۈنكى، بۇ ھۈجەيرىلەر بوشاپ قالغاچقا، تاۋۇز ناھايىتى يېيىشلىك ھەم تاتلىق بولىدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 10~μ100 (mm1/1000=μ1) غىچە بولىدۇ؛ ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىلىرى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، ئومۇمەن μ10 ئەتراپىدا بولىدۇ؛ باكتېرىيىلەرنىڭ بىرلا ھۈجەيرىسى بولۇپ، ھايۋان ھۈجەيرىلىرىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر مانا مۇشۇنداق ئىنتايىن كىچىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ.
جانلىقلار دۇنياسىدا چوڭ ھۈجەيرىلەرمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئاق كەندىرنىڭ ئەۋرىشىم تالالىرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 55 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدىغان بولغاچقا، ئۇ توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقلانمىغان تۆگىقۇش تۇخۇمىمۇ بىرلا ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بولۇپ، دىئامېتىرى 10سانتىمېتىرغا بارىدۇ.
ھۈجەيرىلەر شەكىل تۈزۈلۈش جەھەتتىمۇ پەرقلىنىدۇ، بۇ خىل پەرق ھۈجەيرىلەرنىڭ رولى (فۇنكسىيىسى) بىلەن ماسلاشقان بولىدۇ. پىيازنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى ياپىلاق، ھۈجەيرىلەر بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارىلىقلىرى يوچۇقسىز ھەم ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئىچكى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش رولى بار. ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز تۈكچىلىرى يىلتىزىنىڭ تۈكلۈك قىسمىدىكى بەزى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى پوستىنىڭ سىرتقا بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن تۈكسىمان نەرسىلەردىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش يۈزى كېڭىيىدۇ - دە، ئۆسۈملۈكنىڭ سۇ ۋە مىنېرال تۇزلارنى سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. مېۋە ئەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ پوستى نېپىز، ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى بار.
يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماق تومۇرلىرىدىكى ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر دەسلەپتە ئۇزۇن نەيسىمان ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىنچە ھۈجەيرە پوستلىرى قېلىنلاپ، سىتوپلازما بىلەن ھۈجەيرە يادروسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، قېلىنلاشقان ھۈجەيرە پوستىلا قېپقالىدۇ. ئاخىرىدا ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۆزئارا ئۇلىنىپ، ئۇزۇن تۇتاش نەيچىلەرگە ئايلىنىدۇ - دە، سۇ ۋە مىنېرال تۇزلار بۇ ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەردە توسالغۇسىز توشۇلىدۇ. غەلۋىرسىمان نەيچە ھۈجەيرىلىرىمۇ ئۇزۇن نەيچىسىمان بولۇپ، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئۆزئارا قوشنا ئىككى ھۈجەيرىنىڭ توغرا پوستلىرى غەلۋىرسىمان تاختىنى شەكىللەندۈرىدۇ. غەلۋىرسىمان تاختىنىڭ ئۈستىدە غەلۋىر تۆشۈكچىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن كىچىك تۆشۈكچىلەر بولۇپ، ئاستى ۋە ئۈستىدىكى ئىككى قوشنا ھۈجەيرىلەر مۇشۇ تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق تۇتۇشۇپ، ئورگانىك ماددىلارنى توشۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ھايۋانلارنىڭ ئاشقازان (قېرىن) دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ئۇزۇن موكىسىمان بولۇپ، قىسقارغاندا تارىيىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆپ بۇرجەكلىك يۇلتۇزسىمان كېلىدۇ، ئۇلاردا نۇرغۇن دەرەخسىمان ئۆسۈكچىلەر بىلەن بىر تال ناھايىتى ئۇزۇن ئوق ئۆسۈكچە بولۇپ، غىدىقلىنىشتىن پەيدا بولغان تەسىرنى ناھايىتى تېز يەتكۈزەلەيدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى توقاچسىمان بولىدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكلى تەرتىپسىز بولىدۇ.