فوتوسىنتېز
ھۈجەيرە بىلىملىرى
بارلىق جانلىقلار ئۆسۈپ چوڭىيىشتا قۇياشقا تايىنىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ چوڭىيىشتا بولسا قۇياش نۇرىغا تېخىمۇ موھتاج. تەشتەكتىكى گۈل دېرىزىنىڭ يېنىغا ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇلسا، ئۇنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى ھامان قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان دېرىزە سىرتىغا قاراپ قىيسىيىپ ئۆسىدۇ.
قۇياشتا پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەۋجۇت. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە سۇ قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى گلۇكوزىغا، گلۇكوزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراخمال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ فوتوسىنتېز دېيىلىدۇ.
يەر شارىدا ھەر يىلى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق ياسايدىغان ئورگانىك ماددىلار تەخمىنەن440 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. بۇ ئورگانىك ماددىلاردا ساقلىنىدىغان ئېنېرگىيە بولسا سەنمىنشيا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدەك240 مىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى چىقىرىدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە تەڭ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، تەخمىنەن470 مىليارد توننا ئوكسىگېن قويۇپ بېرىلىپ، جانلىقلارنىڭ نەپەسلىنىشىنى تەمىنلەيدۇ ھەمدە يەر شارىدا ئوكسىگېننىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
فوتوسىنتېز يوپۇرماق ئەت ھۈجەيرىلىرى ياكى يۇمران غول يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەردە خلوروپلاست ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان ھۈجەيرىلەر خۇددى ئورگانىك ماددا ياسايدىغان زاۋۇتقىلا ئوخشايدۇ، يەنى زاۋۇتنىڭ خام ئەشياسى يىلتىزدىن سۈمۈرۈلگەن سۇ بىلەن ھاۋا تۆشۈكچىلىرىدىن سۈمۈرۈلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولۇپ، ياسالغان مەھسۇلات گلۇكوزا بىلەن قوشۇمچە مەھسۇلات ئوكسىگېندىن ئىبارەت. خلوروپلاستنى زاۋۇتنىڭ ماشىنىلىرىغا، يورۇقلۇقنى زاۋۇتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. فوتوسىنتېز جەريانىنى ئاددىي ھالدا تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ:2
O + گلۇكوزا O2H +2 OC
(مەھسۇلات) (ماشىنا) (خام ئەشيا)
فوتوسىنتېز ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇ يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيە بىلەن قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە خلوروپلاست ئىچىدىكى خلوروفىل يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، سۇنى پارچىلاپ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدۇ، ھىدروگېن ئىشلىتىلىشنى كۈتۈپ ۋاقتىنچە ساقلىنىدۇ، ئوكسىگېن بولسا ھاۋا تۆشۈكچىسى ئارقىلىق ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرقىسىم يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى ۋاقتىنچە ئالاھىدە بىرىكمە ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە بولسا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە ھاسىل بولغان ھىدروگېندىن گلۇكوزا سىنتېزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ۋاقتىنچە ساقلىنىپ تۇرغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىمۇ گلۇكوزىغا ئۆتۈپ زاپاس ساقلىنىدۇ.
ئىنسانلار فوتوسىنتېزنىڭ پرىنسىپلىرىنى تېخى تەتقىق قىلىپ تولۇق ئېنىقلاپ چىققىنى يوق، بۇنىڭدىكى نۇرغۇن سىرلار كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە.