UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىمېتابولىزم

مېتابولىزم

ھۈجەيرە بىلىملىرى ھەرقانداق بىر تىرىك جانلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوزۇقلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېنېرگىيە توپلايدۇ؛ شۇنداقلا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چىقىرىۋېتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىدۇ. جانلىقلارنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالماشتۇرىدىغان بۇ خىل جەريانى مېتابولىزم دېيىلىدۇ. مېتابولىزم ھاياتلىق ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئالامىتى بولۇپ، ئۇ ھەم قارىمۇقارشى، ھەم بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان ئىككى جەريان، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى بىلەن دىسسىمىلياتسىيە جەريانىدىن تەركىب تاپقان. ئادەم ۋە ھايۋانلار تاشقى مۇھىتتىكى ماددا (يېمەكلىك)نى يېگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئارقىلىق پايدىلىنىشقا بولىدىغان ماددىلارنى ئۆزگەرتىپ ئۆز تېنىدىكى ماددا قىلىپ سىنتېزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يېمەكلىكلەر ئۆزگىرىش جەريانىدا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ، مانا بۇ ئاسسىمىلياتسىيە دېيىلىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز رولىدىن پايدىلىنىپ سىرتقى مۇھىتتىكى سۇ ۋە كاربۇن (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ كراخمال ۋە سېللۇلوزا قاتارلىق ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇنىڭدەك ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلايدۇ، بۇمۇ ئاسسىمىلياتسىيە دېيىلىدۇ. دىسسىمىلياتسىيىدە بولسا ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جانلىقلار ئۆز تېنىدىكى ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز پارچىلاپ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك زاپاس ساقلانغان ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كېرەكسىز ۋە پايدىلىنىشقا بولمايدىغان ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھەر خىل جانلىقلارنىڭ مېتابولىزمى ئۆسۈش، يېتىلىش ۋە قېرىش باسقۇچىدا ئوخشاش بولمايدۇ. بوۋاقلار، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بوي تارتىش جەريانىدا، ئۆز ئورگانىزملىرىنى تېخىمۇ كۆپ ماددىلار بىلەن تولۇقلىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە مېتابولىزمى ئەۋج ئېلىپ، ئاسسىمىلياتسىيىسى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ياشىنىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن دىسسىمىلياتسىيىنىڭ قايسىسىنىڭ ئاساس بولۇش مۇناسىۋىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ھايۋانلار قىشلىق ئۇيقۇ (ئۈچەككە كىرىش) ۋاقتىدا يېمىسىمۇ ۋە ئىچمىسىمۇ مېتابولىزمى توختاپ قالمايدۇ، بىراق ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. مېتابولىزم جانلىق ئورگانىزملارنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش جەريانى بولۇپ، مېتابولىزم توختىسا، ھاياتلىقمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى