UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولىدۇ

ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولىدۇ

ھۈجەيرە بىلىملىرى 20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىن بۇرۇن، كىشىلەر ھۈجەيرىلەرنى ئوپتىك مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، نەچچە يۈز ھەسسىدىن مىڭ ھەسسىگىچە چوڭايتىپ كۆرەلىگەن ھەمدە ئۇنىڭدا كۆرگەن تۈزۈلۈشنى ھۈجەيرىنىڭ مىكروسكوپىك تۈزۈلۈشى دەپ ئاتىغان. ئەگەر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرى كۆزىتىلسە، ھۈجەيرە پەردىسى، سىتوپلازما ۋە ھۈجەيرە يادروسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى كۆرگىلى بولىدۇ (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ). بىئولوگىيە ئالىملىرى ھۈجەيرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە تۈزۈلۈشلىرىنى كۆرەلمەي تازا پەرىشان بولۇۋاتقان چاغدا، فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئېسىگە ئېلېكترون كەلدى. چۈنكى، ئېلېكترون دولقۇنى يورۇقلۇق دولقۇنىدىن خېلىلا قىسقا بولغاچقا، يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ ئورنىغا ئېلېكترون دەستىسى ئىشلىتىلسىلا چوڭايتىش ھەسسە سانى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مىكروسكوپ ياساپ چىققىلى بولاتتى.1935 -يىلى گېرمانىيە ئالىمى ئېمست. رۇسكا (aksuR.tsmE) ئېلېكترون مىكروسكوپنى تۇنجى بولۇپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ مىكروسكوپتا ئېلېكترون دەستىسى ناھايىتى نېپىز يالپاقلانغان يالپاقچىدىن ئۆتۈپ يالتىراق ئېكراندا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تەسۋىر پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېقىنقى زامان ئېلېكترون مىكروسكوپىنىڭ پەرقلەندۈرۈشچانلىقى4 .1 ئانگستروم (°A) غا يەتتى (mc 8-10=°A1)، بۇ ئاتومنىڭ رادىئۇسى بىلەن تەڭ دېگەنلىك. ئېلېكترون مىكروسكوپتا ھۈجەيرىنى نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە چوڭايتىپ، ھۈجەيرىنىڭ سۇبمىكروسكوپىك تۈزۈلۈشى دەپ ئاتىلىدىغان تېخىمۇ مۇرەككەپ ھەم نازۇك تۈزۈلۈشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھايۋان ھۈجەيرىسىنىڭ تۆۋەندىكى سۇبمىكروسكوپىك تۈزۈلۈش رەسىمىدىن، سىتوپلازمىنىڭ ئىچىدە ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى دەپ ئاتىلىدىغان ھەر خىل شەكىلدىكى تۈزۈلۈشلەر، مەسىلەن، خوندرىئوسوم، سىتوپلازما ئىچكى تورى، رىبوسوم، گولگى تەنچىسى ۋە مەركىزىي تەنچە قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش تەقسىماتى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. رەسىمدىن يەنە ھۈجەيرە يادروسىنىڭمۇ يادرو پەردىسى، يادرو مېغىزى، خروماتىن ۋە يادرو سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت بىرقانچە قىسىمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئېلېكترون مىكروسكوپ ئاستىدىكى ھۈجەيرە ئۆزگىچە بىر دۆلەتكە ئوخشايدۇ. يەنى ھۈجەيرە پەردىسى − دۆلەت چېگرىسىغا، سىتوپلازما − دۆلەت زېمىنىغا، ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى − ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتار - قاتار زاۋۇتلارغا، يادروسى − دۆلەت مەركىزى، يەنى ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئوخشايدۇ. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ سۇبمىكروسكوپىك تۈزۈلۈشى ھايۋان ھۈجەيرىسىنىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. يەنى ھۈجەيرە پەردىسى سىرتىدا ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ؛ ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى ئىچىدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان خلوروپلاست بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدە مەركىزىي تەنچە بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدە چوڭ تىپتىكى مەركىزىي ۋاكۇئولا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى
ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولىدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki