باشسىز ھايۋانمۇ ئۆگىنەلەيدۇ
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئۆگىنىش نەتىجىلىرىمىز ياخشى بولمىغان چاغلاردا چوڭلارنىڭ نېمىشقىمۇ كاللاڭنى ئىشلىتىپ باقمايدىغانسەن؟ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. دۇرۇس، بىز كۈندىلىك ئۆگىنىشىمىزدە ئاساسەن چوڭ مېڭىمىزنىڭ ئاكتىپ پائالىيىتىگە تايىنىمىز. بىراق، ئۆگىنىش ئۈچۈن مېڭىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ.
بەزىلەر بېشى ئېلىۋېتىلگەن، ئەمما گەۋدىسى ئۆلمىگەن باشسىز چېكەتكە پۇتىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈستىدە بىر تەجرىبە ئىشلەپ، مەشىقلەندۈرسە ئۇنىڭمۇ يېڭى ماھارەتنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
تەجرىبە مۇنداق ئېلىپ بېرىلغان: ئالدى بىلەن ئىككى چېكەتكىنىڭ باشلىرى ئېلىۋېتىلىپ، پۇتلىرىغا غىدىقلىغۇچ (ئېلېكترود) ئورنىتىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى تەجرىبە ئوبيېكتى، يەنە بىرى تەجرىبە سېلىشتۇرمىسى قىلىنغان. تەجرىبىدە ھايۋانغا پۇتىنى كۆتۈرۈشنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا، تەجرىبە قىلىنغان ھايۋان ھەر قېتىم پۇتىنى چۈشۈرۈۋالغاندا، ئۇ تاكى پۇتىنى كۆتۈرگەنگە قەدەر توك بىلەن سوقۇپ جازالىغان. تەجرىبە ئوبيېكتىنى ھەر قېتىم توك بىلەن سوققاندا، سېلىشتۇرما قىلىنغان ھايۋاننىمۇ توك بىلەن سوقۇپ تۇرغان، لېكىن بۇنىڭ پۇتىنى كۆتۈرۈش - كۆتۈرمەسلىكى بىلەن كارى بولمىغان. ئەگەر تەجرىبە ھايۋىنى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن پۇتىنى يەنە چۈشۈرۈۋالغان بولسا، ئۇنى يەنە توك بىلەن سوقۇپ جازالاپ تۇرغان. مۇشۇ يوسۇندا نەچچە ئون مىنۇت مەشىقلەندۈرگەندىن كېيىن، باشسىز چېكەتكە ئۆزىگە پۇتىنى كۆتۈرۈش تەجرىبىسى قىلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇتىنى چۈشۈرمەستىن ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بولىدۇ. بۇ تەجرىبنىڭ ئۈنۈمى پەقەت تەجرىبە ئوبيېكتى بولغان ھايۋاننىڭ پۇتىدىلا كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇنى سېلىشتۇرما قىلىنغان ھايۋان ئۆگىنەلمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنغان ھايۋاننىڭ تەجرىبە جەريانىدا ئۇچرىغان غىدىقلىنىشلىرىدا مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئېنىق، ئەمما سېلىشتۇرما ھايۋاننىڭ ئۇچرىغان غىدىقلىنىشلىرى تاسادىپىي بولغاچقا، ئۇنىڭ غىدىقلىنىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېچنېمە ئۆگىنەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇرۇن پاۋلوف ئوتتۇرىغا قويغان «شەرتلىك رېفلكسنىڭ ئاساسى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نېرۋىلارنىڭ ۋاقىتلىق باغلىنىشىنىڭ ئۇلانغانلىقىدىن ئىبارەت» دېگەن نەزەرىيىسىگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.