ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سېزىمى
ھۈجەيرە بىلىملىرى
نۇرغۇن ئادەملەر ئۆسۈملۈكلەردە سېزىم يوق دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە «ئادەم دېگەن ھېسسىياتسىز ياغاچ ئەمەس» دەيدىغان گەپ بار. ئەمەلىيەتتە، ئۆسۈملۈكلەردە سېزىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى خېلىلا ئۆتكۈر بولىدۇ.
ئاپتاپپەرەس قۇياش ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەت ئۆسۈملۈكنىڭ كۈن نۇرىنىڭ غىدىقلىشىنى سەزگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىنكاسى بولۇپ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچانلىقى دېيىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتى قۇياش نۇرىنى تېخىمۇ كۆپ سۈمۈرۈپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ئۇرۇق تېرىلغاندىن كېيىن، ھامان يىلتىزى تۆۋەنگە، غولى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ؛ پىشمىغان شال ۋە بۇغداي مايسىلىرى يېتىپ قالسىمۇ، يەنە ئۆرە بولالايدۇ. بۇمۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر خىل سېزىمى بولۇپ، ئېغىرلىق كۈچى سېزىمچانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر يەنە كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىشىنىمۇ سېزەلەيدىغان بولغاچقا، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ۋە يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، خاسىڭ، سويا پۇرچاق، سېرىس دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى كەچ بولۇشى بىلەنلا قاتلىنىۋالىدۇ، يوپۇرماق ساپىقى سالپىيىۋالىدۇ، كۈندۈزى بولسا قايتا ئەسلىگە كېلىدۇ. مامكاپنىڭ گۈلى كۈندۈزى ئېچىلىپ، كەچقۇرۇنلۇقى ئاستا - ئاستا يۇمۇلۇۋالىدۇ. تاتلىقياڭيۇ ۋە تاماكىنىڭ گۈللىرى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كېچىسى ئېچىلىپ، كۈندۈزى يۇمۇلۇۋالىدۇ.
ئۇياتچانئوتنىڭ تەسىر سېزىش ھادىسىسى تېخىمۇ قىزىقارلىق. يەنى ئۇنىڭغا قولىڭىزنى بوشقىنە تەگكۈزۈپ قويسىڭىزلا ئۇ خۇددى نومۇس قىلغاندەك يوپۇرماقلىرىنى تۈگۈپ سالپايتىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا قولىڭىزنى بوش تەگكۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، يوپۇرماقلىرىنىڭ قاتلىنىش دائىرىسىمۇ كىچىك بولىدۇ، قولىڭىزنى قاتتىق تەگكۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بارلىق يوپورماقلىرىنى قاتلىۋالىدۇ. بەزىلەر بۇ خىل سېزىمنى تەۋرىنىشنى سېزىشچانلىق دەپ ئاتايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يوپۇرماقتىكى «كۆپۈش بېسىمى رولى» نىڭ نەتىجىسىدۇر. يەنى ئۇياتچانئوتنىڭ يوپۇرماق سېپى تۈۋىدە يوپۇرماق كۆرپىسى دەپ ئاتىلىدىغان نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئىچىدە لىق سۇ تولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر قولىڭىزنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىڭىز يوپۇرماق تەۋرىنىپ يوپۇرماق كۆرپىسىنىڭ ئاستى قىسىم ھۈجەيرىلىرىدىكى سۇلار دەرھال يۇقىرىغا ۋە ئىككى يانغا تارقىلىپ كېتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن يوپۇرماق كۆرپىسىنىڭ ئاستى قىسمى خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ماكچىيىپ قالىدۇ. يۇقىرىقى قىسمى بولسا تولۇق يەل بېرىلگەن توپتەك پومپىيىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە يوپۇرماق ساپىقى تۆۋەنگە سالپىيىۋالىدۇ. كىشىلەر يەنە ئۇنىڭ يوپۇرمىقىغا قولىنى تەگكۈزمەستىن ئوت يالقۇنىنى يېقىنلاشتۇرسىمۇ ياكى تاماكىنىڭ ئىسىنى پۈۋلىسىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنى كىسلاتا ۋە سوغۇق سۇ بىلەن غىدىقلىسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا ئوخشاش ھادىسە كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، ئۇنىڭ سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غىدىقلىنىشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇللىرى خىلمۇخىل بولىدۇ. مەسىلەن، بىر خىل ھاشاراتخور ئوت بولۇپ، ئۇششاق ھاشاراتلار ئۇنىڭ يوپۇرماق ئالىقىنىدىكى بەز تۈكچىسىگە تېگىپ كەتسىلا كۆپلەپ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ »ئولجا« نى ئۆلتۈرىدۇ.
نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەنە مۇزىكىغا قارىتا سېزىمى بولىدۇ. ئامېرىكا ئالىمى سىمىس مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن: يەنى ئۇ شەرت - شارائىتى ئوپمۇئوخشاش ئىككى پارنىكقا بىرقانچە چۆنەكتىن كۆممىقوناق بىلەن سويا پۇرچاق تېرىغان، ئاندىن ئۇنىڭ بىرىگە مۇزىكا قويۇپ بېرىپ، يەنە بىرىگە مۇزىكا قويۇپ بەرمىگەن. يېرىم ئايدىن كېيىن مۇزىكا قويۇپ بەرگەن پارنىكتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇزىكا قويۇپ بېرىلمىگەن پارنىكتىكىگە قارىغاندا ساغلام ۋە بولۇق ئۆسكەنلىكىنى بايقىغان.
كېيىن، ئۇ يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇزىكىغا بولغان ھەۋىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكىلارنى «ئاڭلاش» قا ئامراق بولۇپ، تولغۇما ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى «ئاڭلاش» نى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى؛ يېقىملىق مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرۈپ، قۇلاققا ياقمايدىغان يېقىمسىز ئاۋاز ۋە شاۋقۇنلارغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا، ئۆسۈملۈكلەر ئۆزلىرى «ئاڭلاش» نى ياقتۇرمايدىغان مۇزىكا مۇھىتىدا ياشىسا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ قېلىشى، ھەتتا ئاغرىپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.