UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرىھورمون

ھورمون

ھۈجەيرە بىلىملىرى چوڭ مېڭىنىڭ پەرمانى نېرۋا يوللىرىنى بويلاپ قاتلاممۇقاتلام تۆۋەنلەپ مۇسكۇلغا يېتىپ بارغاندا، ھەرىكەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈلۈشنىڭ ئاساسلىق شەكلىدۇر. ئادەم بەدىنىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈلىدىغان بۇ خىل «قۇرۇقلۇق» يولىدىن باشقا، يەنە بىر خىل «سۇ يولى» مۇ بار. ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار بەدەننىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تۇتاشقان ھاياتلىق دەرياسىدۇر. بەدەندە ئۇ بولمىغان ۋە ئۇ بارمىغان جاي يوق دېيەرلىك بولۇپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ھەر ۋاقىت ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنى جىگەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىشى، شۇنىڭدەك بۆرەك ۋە تەر بەزلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز توشۇپ تۇرىدۇ. بۇ خۇددى بەدەن ئىچىدىكى سۇ يولىغىلا ئوخشايدۇ. ئۇ بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان، شۇنداقلا كېرەكسىز ماددىلار توشۇلۇپ تۇرىدىغان يول بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن ئىچىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلىدىغان مۇھىم يولدۇر. ھورمون بولسا بۇ خىل سۇ يولى خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچىدۇر. ھورمونلار بەزى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۈچەيتىش ئارقىلىق قىسمەن ئەزالارنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئىنسۇلىن جىگەرنىڭ گلۇكوگېن سىنتېزلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شېكەرنىڭ ئوكسىدلىنىپ پارچىلىنىشىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق، قاندىكى گلۇكوزىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھورموننىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش رولىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھورمون مولېكۇلىلىرىنىڭ قويۇقلۇقىغا باغلىق. ھەربىر خىل ھورموننىڭ رولى زور دەرىجىدە خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن، ھېپوفىز ئۈچ خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قالقانسىمان بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون پەقەت قالقانسىمان بەزگىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۆرەك ئۈستى بەز پوستلىقىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون پەقەت بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقى ھۈجەيرىلىرىگىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ جىنسىي بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون پەقەت جىنسىي بەزگىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە بېقىنماستىن، ئۆز خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ. ھەرىلەر توپى تارقىلىپ كەتكەندە، ئانا ھەرە ھەرىلەرنى يىغىلىشقا جەلپ قىلىدىغان بىر خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؛ كېپىنەك، پەرۋانىلەرمۇ كۆپىيىش مەزگىلىدە جورا جەلپ قىلىدىغان بىر خىل ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ھورمونلار بەدەن سىرتىدا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ھاشاراتلار تاشقى ھورمونى دېيىلىدۇ. ھاشاراتلار ئىچكى ھورمونلىرىدىن لىچىنكا پېتى ساقلاش ھورمونى، پوست تاشلاتقۇزۇش ھورمونى ۋە مېڭە ھورمونى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ھاشاراتلارنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىپ يېتىلىشىنى تەڭشەيدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھورمونلىرى ئاساسەن بەدەن ئىچىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئىچكى ئاجراتما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئىچكى ئاجراتما بەزلەردىن ئاجرىلىپ چىقىپ، قان بىلەن بىللە پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ كەڭ توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەردە مېتابولىزم پائالىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ھورمونلار ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزم پائالىيىتىدە ھەم ئەزالارنى ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، ھەم ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزم پائالىيىتىگىمۇ ھەقىقىي قاتناشمايدۇ. ئۇلار پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ ھۈجەيرىلەرگە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىنى قان ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولغاچقا، ھاياتلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ سۇ يولى ئەلچىسى دېيىلىدۇ. ھورمون قاتارلىق خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەڭشىشى بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تەڭشەش دېيىلىدۇ. جانلىقلار مېتابولىزمى ھەم نېرۋا ئارقىلىق تەڭشەش، ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تەڭشەشكە تايىنىدىغان بولغاچقا، نورمال داۋاملىشالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى
ھورمون | UyghurWiki | UyghurWiki