UyghurWiki
UyghurWikiھۈجەيرە بىلىملىرى«دۆلەت چېگرىسى« ئۈستىدە ئىزدىنىش

«دۆلەت چېگرىسى« ئۈستىدە ئىزدىنىش

ھۈجەيرە بىلىملىرى ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە دۆلەت ئاجايىپ ھەم سىرلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن نامەلۇم سانلار ئالىملارنىڭ تېپىشىنى ۋە تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە. ھۈجەيرە پەردىسىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئۇ ئوپتىك مىكروسكوپ ئاستىدا بىر قەۋەت ئىنتايىن نېپىز پەردە بولۇپ كۆرۈنىدۇ؛ ئەمما ئېلېكترون مىكروسكوپ ئاستىغا قويۇپ قارىغاندا بولسا، بۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتىدا قوشۇمچە قۇرۇلما − پولىساخارىد يېپىنچىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھەقىقىي ھۈجەيرە پەردىسى ئىككى تۇتۇق قەۋەت بىلەن بىر سۈزۈك قەۋەتتىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، سۈزۈك قەۋەتنىڭ فوسقاتىد مولېكۇلىسى، تۇتۇق قەۋەتلەرنىڭ ئاقسىل مولېكۇلىسى ئىكەنلىكى بىئوخىمىيىۋى ئانالىز ئارقىلىق ئېنىقلانغان.1935 - يىلى ئەنگلىيە ئالىمى دانىئېل ھۈجەيرە پەردىسى ئاقسىل − فوسفاتىد − ئاقسىلدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەت ياپىلاق تۈزۈلۈش دەپ قاراپ، »بىرلىك پەردە« نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.70 - يىللاردا ئامېرىكا ئالىمى سىنگى يەنە بىر يېڭلىقنى بايقايدۇ. يەنى ئۇ، پەردىنىڭ ئاساسىي جازىسى فوسفاتىد قوش مولېكۇلا قەۋىتى بولۇپ، ئىككى قەۋەت فوسفاتىد مولېكۇلىلىرىنىڭ سۇ خالايدىغان بېشى سىرتقى تەرەپتە، سۇ خالىمايدىغان بېشى ئىچكى تەرەپتە بولىدۇ؛ سىرتقى قەۋەت بىلەن ئىچكى قەۋەتتىكى ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى فوسفاتىد مولېكۇلىسىغا ئۇزىرىپ كىرىپ، ئايلىنىپ ئېقىۋاتقان فوسفاتىد مولېكۇلىسى قەۋىتى بىلەن بىللە ئايلىنىدۇ ياكى يۆتكىلىپ يۈرىدۇ؛ بۇ ئاقسىللار تىنچ تۇرماستىن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ، ھۈجەيرە سىرتىدىن ھۈجەيرە ئىچىگە ياكى ھۈجەيرە ئىچىدىن ھۈجەيرە سىرتىغا كىرىپ - چىقىپ مۇھىم توشۇغۇچى تەنچىگە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. مانا بۇ سىنگىنىڭ «بىئو پەردە ئاقما ھەرىكىتىنىڭ نەقىشلىنىشى ھەققىدىكى نەزەرىيىسى» دۇر. توشۇغۇچى ئاقسىللار ئىسمى - جىسمىغا لايىق قوغدىغۇچى جەڭچىلەر بولۇپ، ئۇلار دۆلەت چېگرىسىدىكى قاراۋۇلخانىلاردا تۇرۇپ ھۈجەيرىگە زىيانلىق مولېكۇلىلارنى چېگرىدىن كىرگۈزمەيدۇ؛ ھۈجەيرىگە پايدىلىق مولېكۇلىلارنى چېگرا ئىچىدە تۇتۇپ قېلىپ، چېگرىدىن چىقارمايدۇ؛ ھۈجەيرىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بىخەتەر ھالدا قوبۇل قىلىپ ۋە يۆتكەپ، ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە دەل ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، لامىنارىيە (خەيدەي) تەركىبىدە يودنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرىلاپ دېڭىز سۈيىدىكىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ئېشىپ كەتسىمۇ، ئاقسىل قاراۋۇللار يودنىڭ كىرىشىگىلا رۇخسەت قىلىپ، چىقىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھۈجەيرە بىلىملىرى