ئىككى خوك
ھۈجەيرە بىلىملىرى
ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى روبېرت. خوك كىچىكىدىنلا تىرىشچان ھەم بىلىمگە ھېرىسمەن بولۇپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ياساپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئىككى كۆپۈنگۈ لىنزىنى بىرلەشتۈرۈپ توخۇ پېيىنى كۆزەتكەندە، لىنزىدا پەينىڭ غوللىرى خۇددى دەرەخ شاخلىرىدەك توم، مامۇقلىرىمۇ توم يىپلاردەك كۆرۈنگەن. ئۇ ئىككى لىنزىنىڭ ئارىلىقىنى قايتا - قايتا تەڭشەپ كۆرۈش ئارقىلىق، فوكۇس ئارىلىقىنىڭ چوڭايتىش ھەسسە سانى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىنى تاپقان.
قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كىچىك دۇنيانى كۆرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن لىنزىلارنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسىگە قارىتا مېڭە ئىشلىتىشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ لىنزىلارنى كۆڭۈل قويۇپ مىڭ بىر جاپادا سىلىقلاپ، ئاخىر يالتىراپ تۇرىدىغان سۈزۈك كىچىك لىنزىلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كىچىك لىنزىلارنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ نۇرغۇن قېتىم قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىشى ئارقىسىدا، ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بولغان قوش لىنزىلىق مىكروسكوپ دۇنياغا كەلگەن (رەسىمگە قاراڭ).
خوك بىر كۈنى پۇرۇپكا ياغىچىنى ئىنتايىن نېپىز ياپراقچە قىلىپ كېسىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مىكروسكوپى ئاستىدا كۆزەتكەندە، ئۇ نەرسىنىڭ نۇرغۇن ئۇششاق كاتەكچىلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ھۈجەيرە دەپ ئىسىم قويىدۇ. بىراق، خوكنىڭ كۆرگەنلىرى پەقەت ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ھۈجەيرە پوستىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدىكى تىرىك نەرسىلەرنى ئۇ زادىلا بىلمەيتتى.
خوكنىڭ ھۈجەيرىلەرنى بايقىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنياغا تارالغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. گوللاندىيە بىئولوگىيە ئالىمى ئانتونېۋان. لېۋىن خوك (1632 −1723 - يىل)نىڭ بايقىشىدا ئىلگىرلەش بولدى. ئۇ كىچىكىدىنلا شاگىرت بولۇپ، ئۇستا زەرگەر ئىدى. ئۇ ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، جاپالىق تەر تۆكۈش ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىش نەتىجىسىدە ئاخىر300 ھەسسە چوڭايتىپ بېرەلەيدىغان مىكروسكوپنى ياساپ چىقىدۇ. بۇ مىكروسكوپ روبېرت. خوكنىڭ مىكروسكوپىدىن كۆپ نازۇك ھەم نەپىس ئىدى.
لېۋېن خوك ھەر خىل ئەۋرىشكىلەرنى مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزىتىدۇ. يەنى ئۇ پاقىنىڭ قېنى، ھاشاراتنىڭ مۇرەككەپ كۆزى، ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى چىش كىرى قاتارلىقلارنى كۆزەتكەندە ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھەيران قالغان ھالدا: «بىر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش كىرلىرىدىكى ئۇششاق ھايۋانلار پۈتۈن پادىشاھلىقنىڭ پۇقرالىرىدىنمۇ كۆپ ئىكەن» دەيدۇ. بۇ، پۈتۈن يەر شارىنى لەززىگە سالىدۇ، ھەتتا ئالىيجاناب ئايال پادىشاھمۇ پادىشاھلار كۆرەلمەيدىغان بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە بولىدۇ.