ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان ھۈجەيرىلەر
ھۈجەيرە بىلىملىرى
«زىرائەتنىڭ ئوخشىشى ئوغۇتلاشتىن» دېگەن گەپ بار. بىراق، دېھقانلار پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىغاندا، ئوغۇتلىمايمۇ ئوبدان ھوسۇل ئالالايدۇ. مانا بۇ يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسىنىڭ تۆھپىسىدۇر.
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدا نۇرغۇن يىلتىز تۈگۈنەكلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرى بولىدۇ، يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيە ھۈجەيرىلىرى ھاۋادىكى ئازوتنى ئۆز تېنىدە ئۆسۈملۈك سۈمۈرۈپ پايدىلىنىدىغان ئازوتلۇق بىرىكمىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ جەريان ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرۇش دېيىلىدۇ.
يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى تۇپراقتا ياشايدىغان بىر خىل باكتېرىيە بولۇپ، ئۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز ھۈجەيرىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، يىلتىز ھۈجەيرىسىنى بۆلۈنۈپ يىلتىز تۈگۈنىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە غىدىقلايدۇ. يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى يىلتىز تۈگۈنىكى ئىچىدە پۇرچاق ئائىلىسى ئۆسۈملۈكلىرىدىكى تەييار ئوزۇقلار بىلەن ئۆز ھاياتىنى قامداش بىلەن بىرۋاقىتتا، ھاۋادىكى ئازوتنى ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدىغان ئازوتلۇق بىرىكمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىسى ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشنىڭ بۇ خىل شەكلى ئورتاقلىشىپ ياشاپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش دېيىلىدۇ. يىلتىز تۈگۈنىكى ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئوغۇتلانمىسىمۇ ياكى ئاز ئوغۇتلانسىمۇ بولىدۇ. پۇرچاقنىڭ يىلتىزى ۋە يىلتىز تۈگۈنىكى ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار تۇپراقتا قېپقالىدىغان بولغاچقا، بۇ جايدىكى تۇپراقتا ئازوتلۇق بىرىكمىلەر كۆپ بولىدۇ.
يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسىدىن باشقا، تۇپراقتا يەنە ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقا مىكرو ئورگانىزملارمۇ بار. مەسىلەن، ئەركىن ياشاپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ۋە بىرلىشىپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى مىكرو ئورگانىزملار؛ سۇدىمۇ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆك يۈسۈنلەر بار.
كىشىلەر ھەممە زىرائەتلەردە يىلتىز تۈگۈنىكى ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى پەقەت پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەنلا ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان بولغاچقا، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىقلاردا يىلتىز تۈگۈنىكى ھاسىل بولمايدۇ.
يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرىدە ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى، باكتېرىيە ھۈجەيرىسىدە ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېننىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بەزى ئالىملار ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى گېننى چىقىرىۋېلىپ، باشقا دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ھۈجەيرىلىرىگە كۆچۈرۈپ، ئازوتنى بىئولوگىيىلىك تۇراقلاشتۇرالايدىغان دانلىق زىرائەت سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. يەنە بەزى ئالىملار ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە پۇرچاق ئائىلىسى ئۆسۈملۈكلىرىدىكى ھۈجەيرىلەرنى دانلىق زىرائەتلەرنىڭ تەن ھۈجەيرىلىرى بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇپ، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى زىرائەت شالغۇتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشنى ياكى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇغۇچى گېنلارنى چىقىرىۋېلىپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەردە ياشايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈپ، بۇ مىكرو ئورگانىزملارنى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشماقتا. ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇر ۋە سىناقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، يەنە بىر مەيدان «يېشىل ئىنقىلاب» نى قوزغايدۇ.