UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل زەمبىرەكلەرئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك

ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك

ھەرخىل زەمبىرەكلەر ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك پوروخ ئىشلەتـمەيـمـۇ تـانـكـىلارنى ۋەيران قىلالايدۇ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ، توسىيالايدۇ. بۇ خىل زەمبىرەكنىڭ قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى زەمبىرەكلەرنىڭكىـدىـنـمـۇ ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭ10 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىستـىـن يـاسـالـغـان ئىككى ئۆتكۈزگۈچ يولى بار، ئېغىرلىقى1 نەچچە گراملا كېلىـدىغان،5 پـۇڭـلـۇق تەڭگە چوڭلۇقىدىكى »زەمبىرەك ئوقى«2 ئۆتكۈزگۈچ يولى ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىككى ئۆتگۈزگۈچ يولىنى تـوكـقـا ئۇلاپ، كۇنۇپكىنى باسسىلا، زەمبىرەك ئوقى ئېتىلىـپ چـىـقـىـپ، نەچچە10 مېتىر يىراقلىقتىكى قېلىن پولات تاختـايـدىـن تـېـشـىـپ ئۆتـۈپ كېتىدۇ. ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەكنىڭ كىچىككىنە ئوقى قانداقسىـگـە قـېـلـىـن پولات تاختاينى تېـشىـپ ئۆتـەلـەيـدۇ؟ ئەسـلـىـدە ئېـلـېـكـتـرو مـاگـنـىـت زەمبىرەكنىڭ ئوقى كىچىك بولسىمۇ، سۈرئىتـى ئىـنـتـايـىـن تـېـز بـولـۇپ، سېكۇنتىغا6000 مېتىرغىچە يېتىدۇ، بۇ ئادەتتىكى مىـلـتـىـق ئوقـى سۈرئىتىنىڭ4 −5 ھەسسىسىگە توغرا كېـلـىـدۇ، مـۇشـۇنـداق بـولـغـانـدا ئېلېكترو ماگنىت زەمبىرەك ئوقىنىـڭ پـولات تـاخـتـايـغـا ئۇرۇلـغـان چاغدىـكـى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى چوڭراق بولغاچقـا، يـېـتەرلىـك تـېـشـىـپ ئۆتـۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئايـروپـىلان كۆكتە ئۇچۇۋاتقاندا ئۇنىڭغـا ئۇرۇلـغـان قۇشنىڭ ئايـروپـىلاندا كامار پەيدا قىلىپ قويغىنىغا ئوخشاش قائىدە. بۇنداق ئوقنىڭ يۇقىرى سۈرئىتىنى ئېلېكترو ماگنىت مـەيـدانـى پـەيـدا قىلىدۇ. بۇ ئېلېكتر ماتورىنى توكقا ئۇلىسا، ئىـنـتـايـىـن تـېـز ئايلانغانغا ئوخشاش قائىدە. چۈنكى، ئېلېكتر ماتورىدىكى روتور بىلەن ستاتـور ئايرىم - ئايرىم ماگنىت پەيدا قىلىدۇ، بىر خىل قۇتۇپلـۇق مـاگـنـىـتلار تېپىشىش، ھەرخىل خىل قۇتۇبلۇق ماگنىتلار تارتىشىش پـرىـنـسـىـپـى بويىچە ئېلېكتر ماگنىت كۈچى ھاسىل بولۇپ، روتورنىڭ تېز ئايلىنـىـشـىـغـا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئوق ماتورنىڭ ئىككى ئۆتكۈزۈش يولى ستاتورغا ئوخشايدۇ، توكقا ئۇلانغانـدىـن كېيىن غايەت زور ئېلېكترو ماگنىت كۈچى ھاسىل بولۇپ، ناھايىتى يـېـنـىـك ئوقنى ئۆتكۈزۈش يولىدىن تېزدىن ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ. ئېلېكتروماگنىت زەمبىرەك تانكائاتارنىڭ ئوقىنى ئېتىپلا قالماي، ئۇنى ئاۋىئاتسىيە زەمبىـرىـكـى، تـانـكـا زەمبىرىكى ۋە سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورال ئورنـىـدا ئىـشـلـىـتىـشـكـە بولىدۇ، ھەتتا ئالەم كېمىسىـنـى قـويـۇپ بـېـرىـش ۋاسـىـتـىـسـى قـىـلـىـش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل زەمبىرەكلەر