UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل زەمبىرەكلەركاتيۇشا

كاتيۇشا

ھەرخىل زەمبىرەكلەر چوڭ قىسىم ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كاتـيـۇشـا ئارقـىـلـىـق يـول ئاچىدۇ. كاتيۇشا دۈشمەن تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى بـاسـتـۇرىـدىـغـان ۋە ئۆز تەرىپىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپ كەڭ دائىرىلىك ئوققـا تـۇتـىدىغان ياراغ بولۇپ، ئاشكارىلانغان توپ نىشانلارغا تاقابىل تۇرۇشـتـا ئۈنـۈمـلۈك ئوت كۈچىگە ئىگە. جەڭدە ئۇ دۈشمەنگە تېز، توساتتىن، شىددەتلىك زەربـە بېرىدۇ. كاتيۇشانىڭ نۇرغۇن ئېتىش ئىستوۋۇللىرى بولۇپ، قاتار تـىـزغـانـدا10 نەچچە ياكى نەچچە10 زەمبىرەك ئىستوۋۇلىـنـى بـىـللـە بـاغلاپ قويغانغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاپتوموبىل ياكى چاققا بېكىتىلگەن بولغاچقا، بىـمـالال ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇششاق كاتيۇشا توپىغا ئايلىنىدۇ. كاتيۇشانىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى ئۇزۇن، ئوت كۈچى شـىـددەتـلـىـك، ھەرىكەتچانلىقلىقى ياخشى، ئىنېرتسىيىسى كىچىك، قۇرۇلمىسى ئاددىي، باشقۇرۇلۇشى ئاسان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىـڭ تېز ھۇجۇم قىلىۋاتقان ماشىنىلاشقان قىسمىغـا تـاقـابـىـل تـۇرۇش ئۈچـۈن،1941 - يىلى كۆپ يوللۇق ئۆزى يۈرىدىغان كاتيۇشـانـى لايـىـھـىـلـەپ ياسىغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئېتىلىش مۇساپىسى5 .8 كـىـلـومـېـتىـر بولۇپ، بـىـر قېتىمدىلا132 مىللىمېتىرلىق كاتيۇشا ئوقىـدىـن16 نـى قـويـۇپ بـېـرىـپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى داد - پەرياد ئېيـتـقـۇزغـان بـولـغـاچـقـا، »ئالـۋاسـتـى زەمبىرەك« دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاتيۇشانىڭ نامـى ئالـەمـگـە تارالغان. كاتيۇشا نىشان بەلگىلەش سىستېمىسى، قارىغا ئېلىش سىستـېـمـىـسـى، ئوت ئېچىش سىستېمىسى ۋە تىرەك سىـسـتـېـمـىـسـى قـاتـارلـىـق تـۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. نىشان بەلگىلەش سىستېمىسىدىكى نىشان بەلگىلـىـگـۈچ كاتيۇشانىڭ ئاساسىي زاپچاسلىرىدىن بىرى بولـۇپ، ئوق ئۇنـىـڭ نـىـشـان بېكىتىشى بىلەن نىشانغا ئۇچىدۇ. كاتيۇشادىن ئېتىلىپ چىقىدىغىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى يوق سىنارەد بولۇپ، سىنارەدنىڭ قۇيرۇق قانىتى ئوقنىڭ مۇقىم ئۇچۇپ، موللاق ئېتىپ كەتمەسلىككـە كـاپـالەتـلـىـك قىلىدۇ. ھازىر، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە نۇرغۇن يـېـڭـى تـىـپـتـىـكـى كاتيۇشالار ياسالدى. ئامېرىكا1971 - يىلىدىن ئېتىبارەن، كۆپ ئىستوۋۇلـلـۇق ۋە كاتيۇشانى ئىشلەپچىقاردى، ئۇنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى30 كىلومېـتـىـردىـن ئاشىدۇ؛12 ئىستوۋۇلدىن بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلسا،28 زەمبىرەكنىڭ بىر قېتـىـم ئوق ئېتىلغان چاغدىكى قۇدرىتى ھاسىل بولىدۇ. كاتيۇشا ئادەتتە جەڭ ئاپتوموبىللىرىغا قۇراشتۇرۇلىـدۇ، ئايـروپـىلان ۋە پاراخوتلارغا قۇراشتۇرۇپ ئېتىشقىمۇ بولىدۇ، كاتيۇشادىن پايدىلىنىپ يەرگـە مىنا چېچىپ تانكىغا زەربە بېرىشكىمۇ يـاكـى ئۇنىـڭـدىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ پارتلاتقۇچ دورىلارنى چېچىپ مىنا تازىلاپ، تانكىلارغا مـىـنـا رايـونـىـدا يـول ئېچىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل زەمبىرەكلەر