ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك
ھەرخىل زەمبىرەكلەر
ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك − تۈرلۈك ئاپتوموبىللارنىـڭ تـەگـلـىـكـىـگـە ئورنىتىلغان، سىرتقى كۈچنىڭ سۆرىشىگە ئېھتىياجلىق بـولـمـايـدىـغـان ھـەم ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر خىـل زەمـبـىـرەك. ئۇنىـڭ شـەكـلـى تانكىغا تازا ئوخشايدۇ. ئۆزى يـۈرەر زەمـبـىـرەك بـرونېلىق مۇھاپىزەت، ئوت كۈچى ۋە ھەرىكەتچانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلىنـى بـىـرلەشـتـۈرۈپ، ئۇرۇشتا تانكا ۋە ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلـەرنـى قـوغـدايـدۇ ۋە ئۇلارغـا ئوت كۈچى ياردىمى بېرىدۇ، قىسىمنى دۈشمەن ئايـروپـىلانىنىڭ زەربىـسـىـگـە ئۇچراشتىن قوغدايدۇ.
ئۆزى يۈرەر زەمبىرەك ئۆزى يۈرەر گاۋبىتىسا زەمـبـىـرىـكـى، ئۆزى يۈرىدىغان كاننون زەمبىرىكى، ئۆزى يۈرەر تانكائاتار زەمبىـرەك، ئۆزى يۈرەر تېپىش كۈچى يوق زەمبىرەك، ئۆزى يۈرەر مىنامـيـوت ۋە ئۆزى يۈرەر زېنىت توپلارغا ئايرىلىدۇ. تەگلـىـكـى ئوخـشـاش بولمىغاچقا، چاقلىق ۋە زەنجىر تاپانلىق دەپ ئىككى خىلـغـا ئايرىلىدۇ. زەنـجـىـر تـاپـانلىرى ھازىرقى زامان ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكلىرىدە كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
ھازىرقى زامان ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكـلـىـرىـدىـن كـالـىبـىـرى20 مىللىمېتىرلىقى ۋە كالىبىرى57 مىللىمېتىرلىقى بار. ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوماتىك ئۆزى يۈرەر زېنىت توپلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەشغۇلاتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، تـەنـنـەرخـىـمـۇ كـىـشـىـنـى چۆچۈتىدۇ. گېرمانىيىنىڭ قوش ئىستوۋۇللۇق35 مىلـلـىـمـېـتـىـرلـىـق ئۆزى يۈرەر زېنىت توپى تـەخـمـىـنـەن200 مـىـڭ دانـە زاپـچـاسـتـىـن تۈزۈلگەن، باھاسى ئەڭ يېڭى »يىلپىز« تىپتلىق ئىككى دانـە تـانـكـىـدىـنـمـۇ قىممەت. جىپ ماشىنىلىرىغا قۇراشتۇرۇلغان تېپىش كۈچـى يوق ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكلەر ئەڭ ئاددىي شـەكىـلـدىـكـى ئۆزى يـۈرەر زەمـبـىـرەك ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزى يۈرەر زەمبىرەكنىڭ ھازىرقى زامـان ئۇرۇشـىـدىـكـى ئورنـى بارغانسېرى مۇھىملاشقاچقا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئۇنى بەس - بـەسـتـە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.