كاننون، گاۋبىتسا زەمبىرىكى
ھەرخىل زەمبىرەكلەر
كاننون زەمبىرىكى ۋە گاۋبىتسا زەمبىرىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىدىـكـى پولكتىن يۇقىرى قىسىملارنىڭ ئوت كۈچى ياردىمى بېرىدىغـان ئاسـاسىي يارىغى بولۇپ، كۆپ خىل ياردەم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ.
كاننون زەمبىرىكىنىڭ ئىستوۋۇلى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە كالىبـىرىـنـىـڭ40 ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە توغرا كېلىدۇ، دەسلەپكى تېزلىكـى يـۇقىـرى، ئېتىش مۇساپىسى يىراق، ترايېكتورىيىسـى پـەس بـولـۇپ، تـانـكـا، پـىـيـادە ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرى، برونېۋىك قاتارلىق يەر يۈزىدىـكـى ھەرىكەتچان نىشانلارنى بىۋاسىتە قارىغا ئېلىپ ئېتىشقىمۇ، دېڭـىـز يـۈزىـدىـكـى نىشانلارنى ئېتىشقىمۇ باب كېلىدۇ. تانكا زەمبىرىكى، تـانـكـا اتـار زەمـبـىـرەك، پاراخوت زەمبىرىكى، دېڭىز قىرغىقى زەمـبـىـرىـكـى قـاتـارلـىـقلار كـانـنـون زەمبىرىكى تىپىگە كىرىدۇ. كاننون زەمبىرىكىنىڭ ترايېكتورىـيىـسـى پـەس، ئېتىش ئۆلۈك بۇلۇڭى چوڭراق، ئىستىھكاملاردا سەپلىنىشـى يەر شارائىتى چـەكـلـىـمىـسىگـە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، گاۋبىتـسـا زەمـبـىـرىـكـى بـىـلـەن بـىـرلـەشـتـۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدۇ.
گاۋبىتسا زەمبىرىكى بالدۇرراق دۇنياغا كەلگـەن. جـۇڭـگـو تـارىـخـىـي مۇزېيىدا يۈەن سۇلالىسىدە1332 - يىلى ياسالغان بىر مىـس زەمـبـىـرەك بار، بۇ دۇنيا بويىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى زەمبىرەك ھېسابلىنىـدۇ. بـىـراق، ئەينى چاغدا زەمبىرەك ئىستوۋۇلىدا ئويۇقچە يوق، سىلىق بولغاچقا، توپ ئوقـى ئىستوۋۇلدىن ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇياق - بۇياققا قـېـيـىـپ كـېـتـىـدۇ، ھەتتا موللاق ئاتىدۇ.1846 - يىلىغا كەلگەندە، كىشىلەر بالىلار ئوينـايـدىـغـان پىرقىرغۇچتىن ئىلھام ئېلىپ، تۇنجى ئويۇقچىلىق زەمبـىـرەكـنـى تـەجـرىـبـە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن زەمبىرەك ئوقى بەلگىلەنگەن نىشانغا ئۇدۇل ئېتىلدى.
گاۋبىتسا زەمبىرىكىنىڭ گەۋدىسى كاننون زەمبىرىكىنىڭكىدىن قـىـسـقـا بولۇپ، كالىبىرىنىڭ20 −30 ھەسسىسىگە توغرا كېـلـىـدۇ. گـاۋبىـتـسـا زەمبىرىكىنىڭ دەسلەپكى ئېتىش سۈرئىتى تۆۋەن، ترايـېـكـتـورىـيـىـسـى ئەگرى، ئېتىش مۇساپىسى قىسقا بولۇپ، تۆۋەن ۋە يۇقىرى بوشـلـۇقـقـا ئاتـقـىـلـى بولىدۇ. دالدىدىكى نىشان ياكى چوڭ دائىرىدىكى نىشانلارنى ئېتـىـشـقـا بـاب كېلىدۇ. مەسىلەن، تاغنىڭ ئارقىسىدا دۈشمەن قورغىنى بولسا، گاۋبىتسـا زەمبىرىكىدىن ئېتىلغان ئوق تاغ چوققىسىدىن ھالقـىـپ نـىـشـانـنـى ۋەيـران قىلىدۇ.
ھازىر دۇنيا بويىـچـە ئەڭ چـوڭ زەمـبـىـرەكـلەردىـن كـالـىبـىـرى203 مىللىمېتىرلىق گاۋبىتسا زەمبىرىكى،180 مىللىمېتىرلىق كاننون زەمبىرىـكى بار.