UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل زەمبىرەكلەرزېنىت توپ

زېنىت توپ

ھەرخىل زەمبىرەكلەر زېنىت توپ ئايروپـىلانـغـا تـاقـابـىـل تـۇرۇش ئۈچـۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە جەڭ مەيدانىدا، زېنىت توپ1154 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى جـەڭ قـىـلـىـپ،1590 ئايـروپىلانـنـى ئېـتـىـپ چۈشۈرگەن.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا، زېنىت توپ ئېـتـىـپ چـۈشـۈرگـەن ئايـروپـىلان ھەر قايسى ئەللەر چىقىم تارتقان ئايـروپـىلان ئومۇمىي سانـىـنـىـڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.1906 - يىلى، گېرمانىيىلىكلەر تۇنـجـى بـولـۇپ دىرىژابل ۋە ئايـروپـىلانغا تاقابىل تۇرىدىغان زېنىت توپ ياساپ چىـقـقـان. ھـازىـر چوڭ كالىبرلىق زېنىت توپ، كىچىك كالىبىرلىـق زېـنـىـت توپ، كۆپ ئىستوۋۇللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك زېنىت توپلار بارلىققا كـەلـدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەتچانلىقـى كـۈچـلـۈك، ئۆزى يـۈرىـدىـغـان زېـنـىـت توپلار بار. توپنىڭ كـالـىبـىـرى20 مـىـلـلـىـمـېـتـىـردىـن130 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، جەمئىي20 نەچچە خىل بولىدۇ. كىـشـىـلـەر ئادەت بـويـىـچـە ئۇلارنـى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىيدۇ. چـوڭ كـالـىبـىـرلـىـق زېـنـىـت توپ يۇقىرى بوشلۇقتىكـى ئايـروپـىلانـغـا زەربـە بـېـرىـدۇ؛ كـىـچىـك كالىبىرلىق زېنىت زەمبىرەك تۆۋەن بوشلۇقتىكى ئايـروپـىلانغا زەربە بـېـرىـدۇ. ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇشتا چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كالىبىرلىق زېنىت توپلار زىچ ھاۋا مۇداپىئە ئوت كۈچى سىستېمىسىنـى تـەشـكـىـل قـىـلـىـدۇ، ئايـروپـىلان يۇقىرى بوشلۇقتىن كەلسۇن ياكى تۆۋەن بوشلۇقتىن كـەلـسۇن، بۇ ئوت كۈچى تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھازىرقى زامان زېنىت توپلىرى بىلەن ئايـروپىلان ئېتىشـتـا، ئاۋۋال ئايـروپـىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى، سۈرئىتى، يۆنىلىشىـنـى ئۆلـچـەپ، ئېتىش سانلىق ئاساسلىرىنى ھېسابلاب چىققاندىن كېيىنلا نىشانغـا تـەگـكـۈزگـىـلـى بولىدۇ، بۇ خىزمەتلەرنى مەخسۇس كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، قارىغا ئېلـىـش ئاپپاراتى ۋە ھېسابلاش قۇرۇلمىسى تاماملايدۇ، بۇلار رادار ۋە ئوپتىـكـىـلـىـق رازۋېدكا ئۈسكۈنىسى، قارىغا ئېلىش ئۈسكۈنىسى ۋە قوماندانلىق ئۈسكۈنىسـى ھەم سىگنال يوللاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زېنىت توپ ئايـروپـىلاننىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ بارلىـقـقـا كـەلـگـەن بولغاچقا، ئايـروپـىلاننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغۇسى.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل زەمبىرەكلەر
زېنىت توپ | UyghurWiki | UyghurWiki