UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل زەمبىرەكلەرلازېر زەمبىرەك

لازېر زەمبىرەك

ھەرخىل زەمبىرەكلەر لازېر زەمبىرەك چەكسىز قۇدرەتـكـە ئىـگـە. تـەجـرىـبـىـلـەرگـە ئاساسلانغاندا، ماشىنىغا ئورنىتىلغان لازېر زەمبىرەك ئارقـىـلـىـق10 مىڭ مېتىر يىراقتىكى ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايـروپـىلاندىن ئىككىـنـى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بەزىلەر جەڭ ئايروپـىلانى ۋە بومباردىمانچى ئايـروپـىلانغا سەپلىنىدىغان، باشقۇرۇلىدىغان سىـنارەدكـە قارشى لازېر زەمبىرەك تەتقىق قىلىـۋاتـىـدۇ. ئالـەم كـېـمـىـسـىـگـە ئورنىتىلىدىغان يەنە بىر خىل لازېر زەمبىرەك بـولـۇپ، ئۇنـىـڭـدىـن چىققان كۈچلۈك نۇر دەستىسى ئۇچۇۋاتقان قىتئەلەر ئارا باشقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدنىڭ يادرولۇق ئوق بېشىنى بېشقمق پاچاقلىۋېتەلەيدۇ. لازېر زەمبىرەك، ئاساسەن، قاتلانما شەكـىـلـلىـك لازېـر زەمبىرەك، مۇقىم شەكىللىك لازېر زەمبىرەك ۋە يېنىك تـىـپـتـىـكـى لازېر زەمبىرەك دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. قـاتلانـمـا شـەكـىـللـىـك لازېر زەمبىرەكنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى كاتيۇشاغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاساسەن دۈشمەننىڭ تـانـكـا تـوپى، ئايـروپـىلانى ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىـلـىـدۇ. مۇقىم شەكىللىك لازېر زەمبىرەك ئادەتتىكى كاننون زەمبىـرىـكـىـگـە ئوخشايدۇ. يېنىك تىپتىكى لازېر زەمبىرەك ئادەتتىكى مىناميـوتـتـىـن پەرقلەنمەيدۇ، ئۇ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان دۈشمەن ئايـروپـىلانى، توپ تـانـكـا ۋە ئېغىر تىپتىكى ياراغلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىـشـلـىتـىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېتىلغان ئوق زايە كەتمەيدۇ، دۈشمەنگە ئويلىمىغان يەردىـن زەربـە بېرىدۇ. لازېر زەمبىرەكنىڭ «نۇر ئوقى» نىڭ سۈرئىتى تېز،1 سېكـۇنـت ئىچىدە1000 پاي ئاتقىلى بولىدۇ. ئۇ يىراقتىن خەۋەر بېرىدىغان رادارغا تايىنىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنىڭ ئۇچـۇش يـۆنـىـلـىـشـى، ئارىلىقى، ئېگىزلىكى، سۈرئىتى قاتـارلـىـقلارنـى ئۆلـچەپ، ئېلېكترونـلۇق كومپيۇتېردا نىشاننى تېزدىن بېكىتىپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قىلچە خاتاسىز تېگىدۇ. ئەگەر دۈشمەن تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا، راست - يالغـان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن نۇرغۇنىنى قويۇپ بەرگەن بـولـسـا، لازېـر زەمبىرەك قىسقا ۋاقـىـت ئىـچـىـدە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بـارلـىـق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل زەمبىرەكلەر
لازېر زەمبىرەك | UyghurWiki | UyghurWiki