ئۇيغۇر يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇرۇن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.10 - ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن، يېزىقىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئەرەبچە يېزىققا ئۆزگەرگەن. ئەرەبچە يېزىق قۇرئان يېزىقى، ئۇ «ئاللاھ» نىڭ يۇرتى − ئەرەبىستاندىن يىراق شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغان.
ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدىكى مىللەتلەر باشتا ئەرەبچە يېزىقنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆز تىلىنى خاتىرىلىگەن. كېيىنرەك ئۆز تىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارسچىدىن4 ھەرپنى ئېلىپ تولۇقلىغان. بۇ يېزىق ئادەتتە چاغاتاي يېزىقى دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. چاغاتاي چىڭگىزخاننىڭ بىر ئوغلىنىڭ ئېتى، ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىنغان يەر چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان. چاغاتاي يېزىقى مىلادىيە13 - ئەسىردىن باشلاپ بۇ يەردە رەسمىي قوللىنىلغان. بۇ يېزىق تاكى20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرمۇ قوللانغان.
ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. بۇ بىر ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ،32 ھەرپ بار. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ، ھەربىر ھەرپنىڭ كۆپ دېگەندە4 خىل شەكلى بار. ئۇلار سۆزىنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا، ئاخىرىدا ۋە ئايرىم كېلىدۇ. ئايرىم كېلىدىغىنى ئالدى - كەينىدىن باشقا ھەرپلەر بىلەن قوشۇلمايدۇ، باشتا كېلىدىغىنى سول تەرىپىدىكى ھەرپ بىلەن قوشۇلىدۇ، ئوتتۇرىدا كېلىدىغىنى باشقا ھەرپلەر بىلەن ئوڭ - سول ئىككى يېقىدىن قوشۇلىدۇ، ئاخىرىدا كېلىدىغىنى ئوڭ تەرىپىدىكى ھەرپ بىلەن قوشۇلىدۇ. نۇرغۇن ھەرپلەر چېتىلىپ يېزىلغاچقا، ھەممىسى بىر تۈز سىزىق شەكلىدە بولىدۇ.