UyghurWiki
UyghurWikiھەرخىل يېزىقلارمۇرەككەپ خەت ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت

مۇرەككەپ خەت ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت

ھەرخىل يېزىقلار 3000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى شۇنچە كۆپ قەدىمىي ئەسەرلەر مۇرەككەپ خەت بىلەن يېزىلغان. مۇرەككەپ خەت مەدەنىيەت بىلىملىرىنى جۇغلاش ۋە تارقىتىشتا زور تۆھپە قوشتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۈچ يېتەرسىزلىكى بار: بىرىنچىدىن، ئوقۇماق تەس. «鸟، 丰، 轰» قاتارلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان خەتلەر ئاھاڭىنى بىۋاسىتە ئىپادىلىيەلمەيدۇ؛ تەقلىدىي خەتلەرنىڭ يان بۆلىكىمۇ كۆپىنچە ئاھاڭىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن، «韦» نى يان بۆلەك قىلغان «韩، 伟، 违» قاتارلىق خەتلەردىن كېيىنكى ئىككىسى «韦» ئوقۇلمايدۇ. شۇڭا، «ئۆلىمالار خەتلەرنىڭ يېرىمىنى تونۇيدۇ»، كۆپىنچە خەتلەرنى ئوقۇيالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، يازماق تەس، مۇرەككەپ خەتلەرنىڭ سىزىقى كۆپ، مەسىلەن، «礼» قاتارلىق خەتلەرنىڭ سىزىقى12 ، كۆپى32 گە بارىدۇ، ئۇلارنى يېزىشقا ۋاقىتمۇ، كۈچمۇ كۆپ كېتىدۇ. يەنە شەكلى يېقىن نۇرغۇن خەتلەر، مەسىلەن، «画، 书، 书» قاتارلىقلار سەل دىققەت قىلمىسىلا خاتا يېزىلىپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەستە ساقلىماق تەس. خەنزۇچە خەتلەر60 مىڭغا يېقىنلىشىدۇ، دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىمۇ4500 دىن ئاشىدۇ، ئۇلارنى بىرمۇبىر ئەستە ساقلىماق ئەلۋەتتە تەس، مۇرەككەپ خەتلەرنىڭ سىزىقى كۆپ بولغانلىقتىن، ئەستە ساقلاش تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. مۇرەككەپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتلەردىن ئۆرنەكلەر شۇنىڭ ئۈچۈن، تونۇش، يېزىش، ئەستە ساقلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، «كېلىشىۋېلىش، سالماقلىق ئالغا بېسىش» پرىنسىپى بويىچە، خەنزۇچە خەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك، ئاددىيلاشتۇرۇش مەزمۇنى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، خەت سانىنى ئىخچاملاش، ئاھاڭى، مەنىسى ئوخشاش، ئەمما شەكلى ئوخشىمايدىغان خەت ۋارىيانتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش. مەسىلەن، «烟» نى ئۆلچەملىك خەت قىلىپ، «菸 » لەرنى ۋارىيانت سۈپىتىدە چىقىرىۋېتىش كېرەك.1955 - يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ۋە يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى «تۇنجى تۈركۈمدىكى خەت ۋارىيانتلىرىنى رەتلەش جەدۋىلى» نى ئېلان قىلىپ،1055 خەتنى چىقىرىپ تاشلىدى. يەنە بىرى، خەتلەرنىڭ سىزىقىنى ئازايتىش.1964 - يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتلەر جەدۋىلى» نى ئېلان قىلىپ،2238 خەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر خەتنىڭ سىزىقى16 دىن19 غىچە بولغان مۇرەككەپ خەتلەرنى8 دىن11 سىزىققىچە ئازايتىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. خەنزۇچە خەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش يولى ئالتە خىل: بىرىنچى، يان بۆلىكىنى ئالماشتۇرۇش. مەسىلەن، 礼 − 礼، 笔 − 笔، 难 − 难، 赵 − 赵. ئىككىنچى، بىر قىسىمنى چىقىرىۋېتىش. مەسىلەن، 开 − 开، 习 − 习، 号 − 号، 备 − 备، 医 −医. ئۈچىنچى، تاۋۇشى ئوخشاشلىرىنى ئورنىغا دەسستىش. مەسىلەن، 出 − 句齿، 只 − ، 丑 − 丑، 后 − 后. تۆتىنچى، تامامەن ئۆزگەرتىش، مەسىلەن، 惊 − 惊، 万 − 万، 丛 − 丛، 归 − 归. بەشىنچى، ئاددىيلاشتۇرۇپ كەلتۈرۈپ چىقىرىش. مەسىلەن، 龙 − 龙، 庞 − 庞، 宠 − 宠، 垄 − 垄. ئالتىنچى، تېز يازما خەتنى كەيشۈ شەكلىگە كەلتۈرۈش. مەسىلەن، 乐 − 乐، 为 − 为، 书 − 书، 当 − 当، »乐، 为، 书، 当» لېكىن، خەنزۇچە خەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش خىزمىتى تېخى ئاياغلاشقىنى يوق. مەسىلەن، «藏، 曦، 嘴، 餐، 罐»، «镶، 骥، 馕، 颧» قاتارلىق خەتلەرنىڭ سىزىقى كۆپ، ئاددىيلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى ئالاھىدە گېزىت - ژۇرناللارنى نەشر قىلىشقا يەنىلا مۇرەككەپ خەتلەر ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھەرخىل يېزىقلار