ئېرسۇلارنىڭ شابا يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئالىملار سىچۇەندىكى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن بىرنەچچە دىنىي كىتاب تاپتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىرى «نۆمەنىشىدا» دەپ ئاتىلىدىكەن، مەنىسى «قۇياشنى كۆرىدىغان» ياكى «كۆلنى كۆرىدىغان» دېيىلىدىكەن. بۇ دىنىي كىتابقا مۇنداقلا قارىغاندا چاتما رەسىملىك كىتابچىغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن. لېكىن، ئۇ ھەقىقىي يېزىق − ئېرسۇلارنىڭ شابا يېزىقى ئىكەن.
ئېرسۇلار سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. شابا شۇ مىللەت ئىچىدىكى ئىپتىدائى دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئېرسۇلارنىڭ شابا يېزىقى ئېرسۇلارنىڭ دىنىي پىر ئۇستازى قوللانغان يېزىق دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئېرسۇ خەلقىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئەجدادى جۇگې لياڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغلاردىلا بۇ يېزىق بار ئىكەن.
ئېرسۇلارنىڭ شابا يېزىقى «رەسىم يېزىق» بولۇپ، جەمئىي200 دىن ئارتۇق يەككە خېتى بار. ئەلۋەتتە، بۇ ئېرسۇلارنىڭ تىلىنى ئەينەن خاتىرىلەشكە يېتىشمەيدۇ. كىشىلەر بۇ چاتما رەسىملەرگە قاراپ ھاۋا رايىنى بىلمەكچى بولغاندا، ئۆزلىرى نۇرغۇن سۆزلەرنى كىرگۈزگەندىلا، بىر پۈتۈن جۈملە پۈتىدۇ. تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر رەسىم. بۇ رەسىمدە6 «سۆز» بار: ئوتتۇرىدىكىسى «مايمۇن»، سول تەرەپ تۆۋەندىكىسى «تاماق قاچىسى» (تاماق بىلەن تولدۇرۇلغان)، سول تەرەپ ئوتتۇرىدىكىسى «ساپال ئىدىش» ئوڭ تەرەپ يۇقىرىدىكىسى «يۇلتۇز»، ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرىدىكىسى «سۇنغان دەرەخ»، ئوڭ تەرەپ تۆۋەندىكىسى «تۇمان». بۇلارنى يىغقاندا مۇنداق مەنە چىقىدۇ: «2 - ئاينىڭ13 - كۈنى مايمۇنغا تەۋە، بۇ كۈن يەر كۈنى، تاڭ يورۇي دېگەندە تاماق قاچىسى ۋە ساپال ئىدىش بارلىققا كېلىدۇ، بۇ شاراب ۋە گۆش مول بولىدىغان خۇشاللىق كۈن. كۈن ئولتۇراي دېگەندە ھاۋا ئۆزگىرىپ يەر يۈزىدە تۇمان پەيدا بولىدۇ. بوراننىڭ دەرەخنى ئۆرۈۋەتكەنلىكى قاتتىق بوران چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، ئىككى يورۇق يۇلتۇز كۆكتە چاقناپ تۇرۇپتۇ، بۇنىڭدىن بۈگۈنكى كۈننىڭ ئومۇمەن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.»
ئېرسۇلارنىڭ شابا يېزىقىدا رەڭمۇ مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، ئاق ئالتۇنغا، يېشىل ياغاچقا، كۆك سۇغا، قىزىل ئوتقا، سېرىق توپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك دۇنيادىكى بارلىق يېزىقلاردا تولىمۇ كەم ئۇچرايدۇ.