لاتىن يېزىقى
ھەرخىل يېزىقلار
دۇنيادىكى ھەر خىل يېزىقلار سىستېمىسى ئىچىدە لاتىن يېزىقىنى ئەڭ مەشھۇر ساياھەتچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ خرىستىئان دىنىغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ يېرىمىغا تارقىلىپ، پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكىئانىيە، غەربىي ياۋروپا ۋە ئافرىقا، شەرقىي ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىيالارنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىزىنى قالدۇرغان.
لاتىن يېزىقى رىم يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىيىدىن6 ئەسىرچە ئىلگىرى يۇنان يېزىقىنىڭ بىر خىل شەكلىدىن تەرەققىي قىلغان. باشتا23 ھەرپى بار ئىدى، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە J، W، U لار قوشۇلۇپ26 گە يەتكەن. مانا بۇ بىز بۈگۈنكى كۈندە ئىنگلىزچە ئېلىپبە جەدۋىلىدە كۆرۈۋاتقان تۆۋەندىكى ھەرپلەردۇر.
lL kK jJ iI hH gG fF eE dD cC bB aA
wW vV uU tT sS rR qQ pP oO nN mM
zZ yY xX
باشقا مىللەتلەر بۇ بىر يۈرۈش يېزىقتىن پايدىلانغاندا، كۆپىنچە بىرنەچچە ھەرپنى قوشىدۇ. مەسىلەن، نېمىس تىلىدا B، فرانسۇز تىلىدا è بار ۋە باشقىلار. ئۇلار ئۆز تىلىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. ئۇنىڭدىن بەزى ھەرپلەرنى چىقىرىۋېتىدىغانلىرىمۇ بار. كۆپىنچە K ۋە W ھەرپلىرى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
لاتىن يېزىقىنىڭ جۇڭگودا تارقالغىنىغا نەچچە يۈز يىللار بولدى، ئېلىمىزنىڭ «خەنزۇ تىلىنىڭ ئېلىپبەلىك يېزىق لايىھىسى» لاتىن يېزىقى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن.1956 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تىل - يېزىق خادىملىرى ئون نەچچە ئاز سانلىق مىللەتكە لاتىن يېزىقىدىن پايدىلىنىپ يېزىق ئىجاد قىلىپ بېرىپ، يېزىق سانىنى كۆپەيتتى.